تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى دۆلەتلىك رايون داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى

بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇرىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى دۆلەتلىك رايون داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر گو جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇردى، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ دۆلەتلىك بالىلار رايون داۋالاش مەركىزىنى بىرلىكتە قۇرىدۇ، بۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۇنجى دۆلەتلىك رايون داۋالاش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى مۇرەككەپ، قىيىن كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى رايون ئىچىدە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 1 - تۈركۈمدىكى «1+10» رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ، دۆلەتلىك بالىلار رايون داۋالاش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇشىنى رەسمىي بېكىتتى.

بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى نى شىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ دۆلەتلىك بالىلار رايون داۋالاش مەركىزى ئون يىلنى مۇددەت قىلىپ قۇرۇلۇش باشلايدۇ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئالدىنقى بەش يىلدا 800 كارىۋاتلىق كېسەلخانا بىناسى سېلىنىپ، بالىلار كېسەللىكلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشقا دوختۇرخانا باشلىقى ئەۋەتىدۇ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ، شۇنداقلا داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورى ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتى شەكىللىرىنى قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا چىقىرىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئومۇمىي داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

«ئاق قان كېسىلى، باش سۆڭىكى ئۆسمىسى، لىمفا ئۆسمىسى بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەر، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئاغرىق بالىلارنىڭ كېسىلىگە ئىچكىرى رايونلارغا ئاپىرىپ دىياگنوز قويدۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، ئائىلىسىنىڭ داۋالىنىش يۈكى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لو شىنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: «بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھاۋالىلىك باشقۇرۇشى بىلەن، بىز كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بالىلار كېسەللىكلىرىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاغرىق بالىلارنى شىنجاڭدىن چىقماي ئۈنۈملۈك تېببىي داۋالىنىپ ساقىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەتلىك بالىلار رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىرىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.