تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىن مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بەش تەربىيە»نى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مائارىپ تەرەققىياتىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەشكىلات سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پائال مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى