تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دولان دەرياسى ئىتتىپاقلىق مۇھەببىتىنى سۇغىرىپ ياشناتتى

− ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ساۋ گاڭچى (سولدىن 1 - كىشى) ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ئۆزى يىغىپ ساقلىغان كونا بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

قىشتىكى دولان دەرياسى شىرىلداپ ئېقىپ، ئىككى قىرغاقتىكى مەنزىرىلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولماقتا.

ئاپتونوم رايون «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «مەركەزداش چەمبەر» سىزغانسېرى چوڭايدى.

ئاقسۇ شەھىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر» «جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈلگە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەھەر» «مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.

ھەمكارلىشىپ ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى ياخشى ئېيتىش

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ مەھەللىسىگە كىرسىڭىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇدۇلمۇئۇدۇل قوشنا ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرەلەيسىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى شەھەر، يېزا مەھەللىلىرىنى سۇپا قىلىپ، ئىشنى ئولتۇراقلىشىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۈندىلىك ھالقىلاردىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاۋياڭ جيايۈەن، يىخې لاڭچىن قاتارلىق 59 ئۆزئارا گىرەلەشكەن مەھەللە بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ناشتىدىن كېيىن، چاۋياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەركىن قادىر قوشنىسى ۋاڭ يىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلدى. 60 ياشلىق ئەركىن بىلەن 82 ياشلىق ۋاڭ يىڭ تونۇشقان بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن، ئېجىل - ئىناق بولدى، چاغان، بايراملاردا دائىم بىللە جەم بولدى.

بەش يىل ئىلگىرى، ئەركىن ۋاڭ يىڭ شىياڭخۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، ئىككىسى دائىم كېلىشىۋېلىپ بىللە رېپېتىتسىيە قىلدى. «مەن تېكىستىنى يازىمەن، ئىنىم ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، بىز بىر جۈپ ياخشى ھەمراھلار» دېدى ۋاڭ يىڭ.

بۇ يىل ۋاڭ يىڭ شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىسىدىن پايدىلىنىپ «19 - قۇرۇلتايغا مەدھىيە»نى ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى، ۋاڭ يىڭ باش بولۇپ ناخشا ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى، ئەركىن ئەرخۇ چېلىپ تەڭكەش قىلىشقا مەسئۇل بولدى، شىياڭخۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلدى. تونۇشۇپ ھازىرغىچە، ۋاڭ يىڭ بىلەن ئەركىن بىرلىكتە 12 ناخشا ئىجاد قىلدى.

«ئاكام بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ياڭرىتىمىز» دېدى ئەركىن.

ساقلانما بۇيۇملار قىزىل ئەسلىمىلەرنى بايان قىلدى

ناخشا پىلاستىنكىسى، كىتاب، گېزىت - ژورنال، ئىزناك... چاۋياڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسىدا، 2000غا يېقىن ساقلانغان «قىزىل ئەسلىمە» بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېرىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

مەھەللە ئاھالىسى ساۋ گاڭچى بىر يىغىپ ساقلىغۇچى بولۇپ، ئۆيىدە 8000دىن ئارتۇق ساقلانما بۇيۇم بار. بۇ يىل مەھەللە مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسى بەرپا قىلىپ، ساۋ گاڭچىنىڭ ساقلانما بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، ئۇ ھەقسىز چۈشەندۈرگۈچى بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەھەللىنىڭ 62 ياشلىق ئاھالىسى ئەركىن قادىر دائىم بۇ يەرگە كېلىپ كونا بۇيۇملارنى كۆرۈپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قايتا ئەسلەيدۇ. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئېجىل - ئىناق بولۇپ، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىز نەپنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەپنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، چىن قەلبىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى ئەركىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

كونا كوچىدا «يېڭى ۋاڭسەن»لەر بارلىققا كەلدى

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى خۇڭچياۋ مەھەللىسىگە جايلاشقان ۋاڭسەن كوچىسىدا، دىيارىم ئاشخانىسىنىڭ لاۋبىنى ئەكبەر تۇرسۇن تۇغقىنى لى شۇچۈن بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملارنى تېتىۋاتاتتى. «ئاشخانىمىز يېڭىدىن بىرنەچچە خىل قورۇما چىقاردى، بۈگۈن دەل ھەپتە ئاخىرى، ئىككىمىز بىرلىكتە تېتىپ باقتۇق» دېدى ئەكبەر.

تۆت يىل ئىلگىرى، ئەكبەر بىلەن لى شۇچۈن تۇغقان بولدى. مېڭە ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى سەۋەبىدىن، لى شۇچۈن ئىزچىل ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالىنىۋاتاتتى. ئەكبەر ئارىلاپ - ئارىلاپ قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. «بۈگۈنكى كۈندە مېھرىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدۇق» دېدى ئەكبەر.

ۋاڭسەن كوچىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق «قەلبداشلار كوچىسى». بۇ 100 يىللىق كونا كوچىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر داستان تارقالماقتا: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تيەنجىنلىك سودىگەر ۋاڭ فۇسەي ئاقسۇدا بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنى بېقىۋېلىپ، ئىسمىنى ۋاڭ سەنگە ئۆزگەرتكەن. ۋاڭ سەن بېقىۋالغان دادىسىغا ئەگىشىپ تىجارەتچىلىكنى ۋە جۇڭيى تېبابىتىنى ئۆگەنگەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاقسۇدا بىر بازار قۇرغان، كىشىلەر ئۇنى ۋاڭسەن كوچىسى، دەپ ئاتىغان.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بۇ 100 يىللىق كونا كوچىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، نۇرغۇنلىغان «يېڭى ۋاڭسەن»لەرنى بارلىققا كەلتۈردى. كوچىدىكى تىجارەتچىلەر يېقىن ئەتراپتىكى شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى خەنزۇ تىجارەتچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، نۆۋەتتە، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى يەتتە قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، 197 تىجارەتچىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بار بولدى، ھەربىر قوشماقلاشقان تىجارەتچىنىڭ بىر تۈپ قوشماقلىشىپ قەلبداش بولۇش دەرىخى، «مۇنەۋۋەر تىجارەتچىلەر قوشماقلىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» دېگەن ئىشىك تاختىسى، قوشماقلاشقان پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر پارچە سۈرىتى بار بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر كەڭ ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى.

بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ۋاڭسەن كوچىسىدىكى تىجارەتچى جاۋ بىن مەھەللىگە 13 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى نۆۋەتچىلىك قاراۋۇلخانىسى ياردەم قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1 - سېپىدىكى خادىملارغا 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماسكا ھەم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى؛ ئابلىمىت مەمەت شىنجاڭغا ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن مۇ رۇڭگۇاڭنى ئىش ئورنى ۋە تۇرىدىغان جاي بىلەن تەمىنلىدى... ۋاڭ سەن كوچىسىدىن ئىبارەت بۇ «نام كارتىسى»نىڭ تۈرتكىسىدە، ئاقسۇ شەھىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى دەۋردىكى «ۋاڭسەن»لەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى