تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دەي ۋۇجۈننى زىيارەت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قانداق قىلغاندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولالايدۇ؟ يېقىندا، بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دەي ۋۇجۈن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى» دېدى دەي ۋۇجۈن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى قىلىپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىن تاللاش تۈرى قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى نىشان - ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

دەي ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

«كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، سانائەت، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئىبارەت <ئۈچ چوڭ بۇلغىما مەنبەسى>نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتتى، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى دۆلەت تەلىپىگە يېقىنلاشتى؛ زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭىدە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بارلىق شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ يەر ئىشلەتكەندە تۇپراقنى بۇلغاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى» دېدى دەي ۋۇجۈن.

«بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭ تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.» دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان مەنزىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز.

يېشىل تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن پىلان تۈزۈلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا قارىتا مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى يۆنىلىش يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى دەي ۋۇجۈن.

تەلەپ بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

«يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە دىققەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېشىل تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن پىلان تۈزۈلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.» دەي ۋۇجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، يىرىك پىلاندا ئاتموسفېرا جەھەتتە بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، «ئۈچ سۇ» بويىچە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تۇپراق مۇھىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇش، كۆزىتىش - ئۆلچەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

«بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، <14 - بەش يىل>لىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇرلۇقنى ئۇزارتىپ، كەڭلىكنى كېڭەيتىپ، مىقدارلاشتۇرغىلى بولۇش، باھالىغىلى بولۇش، سىناپ تەكشۈرگىلى بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراق، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان تولۇق ئامىل كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، تىرىشىپ ئاساسىي رايون ئەھۋالى، تەرەققىيات باسقۇچى، جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى بىلەن ماس كەلتۈرۈپ، ھەم قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ياخشى كۆزلىمىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى دەي ۋۇجۈن.

دەي ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دىققەت مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەم ھازىر، ھەم كەلگۈسى نەزەرگە ئېلىنغان. ھازىرغا قەدەر، يىرىك پىلاندىكى يېتەكچى ئىدىيە، نىشان - كۆرسەتكۈچ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىق يىرىك پىلان ئومۇمىي رامكىسى ۋە مەزمۇنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ھازىر، بەزى كونكرېت سانلىق مەلۇمات كۆرسەتكۈچلىرىگە قارىتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، يىرىك پىلاندىكى ئالاقىدار نىشان - كۆرسەتكۈچ ۋە ۋەزىپە - تەدبىرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ

«ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ھەم مۇھىم، ھەم سەزگۈر، ھەم ئاجىز، بۇ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە خىزمىتىمىزنىڭ مەركىزى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى» دېدى دەي ۋۇجۈن.

ئاتموسفېرا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئۇششاق دانچىلار (2.5 PM)نىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇششاق دانچىلار ۋە ئوزون بىلەن بۇلغىنىشنى ماس قەدەمدە كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش بىلەن مۇھىت بۇلغىنىشنى ماس قەدەمدە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيى، قىرغاق ۋە سۇنى قوغداش بىلەن تۈزەش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۈيى خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، تەبىئىي بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ؛ ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ...

«13 - بەش يىل»دىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئاساسىدا، دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە: 2035 - يىلىغا بارغاندا، كاربون قويۇپ بېرىش چوققا قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇقىم ئاساستا تۆۋەنلىتىلىدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇ بىرقانچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، سانائەت قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشىدى، كاربون قويۇپ بېرىش يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلەپ، بىرقەدەر ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىزنىڭ دۆلەتنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز بار» دېدى دەي ۋۇجۈن قەتئىيلىك بىلەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەي ۋۇجۈن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز سىجىل يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، يەنە «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» يادرو قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى تۈزۈش خىزمىتى 11 - ئايدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» نەتىجىلىرىنى تۈزىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار يىرىك پىلان بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ.

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، ساھە بويىچە ئالدىن تەكشۈرۈش، ئورۇن تاللاش پىكرى، يەر ئىشلىتىشنى ئالدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەرتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش پۈتكەندە مۇھىت قوغداشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مەمۇرىي ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى يولغا قويدى.» دەي ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى باشقۇرۇش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا قارىتىلغان ياردەم بېرىش، يۆلەش، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز» دېدى دەي ۋۇجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق