دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 600 مىليون يۈەن ئەتراپىدا داۋالىنىش خىراجىتىنى تېجەپ قالدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئاراشجاپ پامانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن بۇيان، ھەر يىلى ئاغرىقلار ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئۈچۈن 600 مىليون يۈەن ئەتراپىدا داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمىنى كېمەيتكەن.
دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىشنى تەشكىللىشى ئاممىنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى تۆۋەنلىتىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ تەدبىرنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2019 - يىلى 12 - ئاي، 2020 - يىلى 4 - ئاي، 2020 - يىلى 11 - ئايدا ئۈچ تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، تاللانغان جەمئىي 112 خىل دورا يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى، ئۆسمە كېسەللىكى، روھىي كېسەللىك، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن داۋالاش ساھەسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دورا باھاسى ئەسلىدىكى باھا بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىردەك %50تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى، بەزى دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى.
داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى باشقۇرۇشنى مېخانىزملاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش شەكلىدە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇردى ھەم بۇ يىل 9 - ئايدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھا ئۆلچىمى (2017 - يىللىق نۇسخىسى)»غا مەركەزلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تۈرىدىن 157نى تەڭشەپ، بىر يۈرۈش داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تۈرىنى تەڭشەش - قېلىپلاشتۇرۇش تەرتىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.
«بىز تېببىي دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تېببىي دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تېببىي دورا يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جىخۇا.