تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىدۇ: خام يېمەكلىكلەرنى تاللاپ سېتىۋالغاندا پەلەي كىيىش كېرەك

   ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئاھالىلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالغاندا قانداق قىلغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلغان بولىدۇ؟ يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا، ئامال بار مال سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ساقلىنىش، خام يېمەكلىكلەرنى تاللاپ سېتىۋالغاندا، بولۇپمۇ سوغۇق ساقلىنىدىغان، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، ئىمكانقەدەر پەلەي كىيىپ ياكى سۇلياۋ خالتا كىيىپ ئاندىن ئۇچرىشىش كېرەك.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە كېسەل يۇقتۇرغۇچى جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بېرىپ نەرسە سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن سېتىۋېلىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا ئامال بار مال سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك. بازارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن بازاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

   مال سېتىۋېلىش جەريانىدا، شەھەر ئاھالىلىرى پۈتۈن جەرياندا ماسكا تاقاپ، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە جەينەك ياكى قەغەز بىلەن توسۇۋېلىشى كېرەك. قالايمىقان تۈكۈرمەسلىكى، ئېغىز-بۇرۇن ئاجرالمىلىرىنى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشى كېرەك. بازاردا يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، يېڭى، پاكىز يېمەكلىكلەرنى تاللاش؛ خام يېمەكلىكلەرنى تاللاپ سېتىۋالغاندا، بولۇپمۇ سوغۇق ساقلىنىدىغان، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئىمكانقەدەر پەلەي كىيىپ ياكى سۇلياۋ خالتا كىيىپ ئاندىن ئۇچرىشىش؛ پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىم-ئايرىم قويۇپ قويۇش كېرەك. تاۋارلارنى تاللىغاندا ياكى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھېسابات قىلغاندا، باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. پۇل تۆلىگەندە ئامال بار ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەش قاتارلىق ئۇچراشمايدىغان پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

   چېن مىن مۇنداق ئەسكەرتتى: سېتىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، بىرىنچى ۋاقىتتا يەتتە قەدەم بويىچە قول يۇيۇش ئۇسۇلى بويىچە قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ساقلاش قىيىن بولغان مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە يېڭى يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىپ، ساقلاپ ئىستېمال قىلماسلىق، ئېھتىياجغا ئاساسەن يېڭى پىتى يەپ، يېڭى-يېڭى سېتىۋېلىپ، يېمەكلىكنىڭ يېڭى ۋە ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. توڭلىتىلغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سۇغا چىلاپ يۇيۇپ، چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يېيىشتىن بۇرۇن تولۇق پىشۇرۇش بولۇپمۇ گۆش، تۇخۇم ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى پىشۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن قول، ئىشلىتىدىغان تىغلىق ئەسۋاب، تاختا قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا پاكىز يۇيۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى