تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

تەربىيەلەش دەرسخانىسى مېۋە، كۆكتات پارنىكىغا كۆچۈپ كىردى

12-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى شياۋدۇڭگۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەتراپىدىكى مېۋە، كۆكتات پارنىكىدا بىر قېتىملىق ئالاھىدە تەربىيەلەش دەرسى باشلاندى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چىن يۇڭ (ئوڭدا) نەق مەيداندا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىغا دەرس سۆزلىمەكتە.

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10:30 مىنۇت ئۆتكەندە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى شياۋدۇڭگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەتراپىدىكى مېۋە، كۆكتات پارنىكىدا بىر قېتىملىق ئۆزگىچە «دەرس باشلاندى»، ئۈرۈمچى ناھىيەسى لېمۇگاۋ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى جاڭ شياۋدۇڭ تېخنىكلاردىن توختىماي سوئال سوراۋاتتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەھىرىمىز بىر خىل كەسىپلەشكەن تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، كۆكتات، كالا-قوي گۆشى، سۈتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بازار ئېھتىياجىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەۋقەنى بىر تۈركۈم «يەرلىك مۇتەخەسسىس»، «ئېتىز زىيالىيلىرى»رىنى يېتىشتۈردى. قىشتىكى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، مەركىزىي شەھەر يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ ئالاقىدار تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

  پاراڭلاشقاچ تەربىيەلەشكە قاتناشقان دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى چىن يۇڭغا ئەگىشىپ بىر پارنىكقا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ سائەتلىك دەرس ئاساسىي تېمىغا قەدەم قويدى. بۇ پارنىكلار مەزكۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە ئىستىراھەت باغچىسى بولۇپ، ئىچىدىكى قاتار-قاتار كەتكەن خولۇڭگو باراقسان ئۆسۈپ، كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان شوخلىنىڭ غولى مېۋىسى بىلەن لىق تولغانىدى، لېكىن بىر قىسىم شوخلىلار ئۈششۈپ قىلىپ، بازارغا سېلىنىشقا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى ۋاڭ يۆجۈن ۋە دېھقانچىلىق تېخنىك جاڭ شياۋيىڭنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى.

  «قاراڭ، بىز تېرىغان شوخلا توڭلاپ قاپتۇ، پارنىكنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك؟» «ئەگەر ساسۇڭ تېرىيدىغان يەرنىڭ تۇپرىقى بىر قەدەر يېپىشقاق بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟» «ساسۇڭ ئورۇپ بولغاندىن كېيىن كۈدە باغلاش ئۇسۇلى بىلەن باغلاشقا بولامدۇ؟» «چىن پروفېسسور، بەيخې تېرىيدىغان يەرنى تاللاشتا قانداق چەكلىمىلەر بار؟» بۇ سوئاللارنى سورىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى ئىدى.

  چىن يۇڭ سوئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى، ئاندىن يەنە ساسۇڭ ۋە بەيخې ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى، ئەسلىدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتۈلىدىغان بۇ دەرس، بىۋاسىتە مېۋە، كۆكتات پارنىكلىرىغا «كۆچۈپ كىردى».

  دەرس ئاڭلىغىلى كەلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ بەزىلىرى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن دەپتەرگە خاتىرە قالدۇردى، بەزىلىرى بىۋاسىتە يان تېلېفونىدا سىنغا ئالدى، بىر چەتتە تۇرغان ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن چىمىڭ كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەل تۇرۇپ مەن چىن پىروفېسسور سۆزىلىگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى سىلەرنىڭ ئۈندىدارىڭلارغا بىرمۇ-بىر ئەۋەتىپ بېرىمەن، كېيىن يەنە ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىزدەنسەڭلار بولىدۇ».

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى تەربىيەلەش تۈرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، «نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى تەربىيەلەش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «تىزىملىك شەكلىدىكى» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە كۆكتات ئۆستۈرۈش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىلمى تېرىقچىلىق قىلىشتىكى ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى يۇڭفېڭ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى گۇ شىنجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ دەرس قاتنىشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ! مەن قايتىپ بېرىپ چىن پىروفېسسورنىڭ دەرسلىكلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئەۋەتىپ بېرىمەن، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ساسۇڭ ۋە بەيخې تېرىشنى ئۆگىنىمەن، كېلەر يىلى تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمەن».

   (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي فوتوسى ۋە خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى