تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ ئاۋات: كۆلەملەشكەن كۆكتات تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىدى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىكى ياخشى ئۆسۈۋاتقان كۆكتات مايسىلىرى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مەن فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار رۇستەم، جاڭ جىنخۇ خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قىزىلبايراق كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىقى بازىسىدا، يېپيېڭى پارنىكلار قاتار قەد كۆتۈردى، نۇرغۇن دېھقان پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتات تېرىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ بازارغا سېلىپ، بازارنى تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ياخشى باھادا ساتتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى كەنت ئاھالىسى ھەسەنجان ئەخمەتكە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مەن فوتوسى

«ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئېلىپلا قالماي، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن، خىزمەتمۇ ناھايىتى يېنىك» دېدى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزى توختىنىياز.

بۇ يىل ئاۋات ناھىيەلىك تەبىئىي گۈزەللىك ۋە كۆكتات دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاۋات ناھىيەلىك خۇڭيۈ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىتتىپاق كەنتى ۋە قىزىلبايراق كەنتىدە يېڭىدىن 378 پارنىك سېلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىقچىلىق، سېتىشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيدىن چىقسىلا، بىر ياخشى خىزمەت تاپالايدىغان بولدى.

ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى قىزىلبايراق كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا پارنىكقا كۆچۈرۈپ تىكىلگەن كۆكتات مايسىلىرى ناھايىتى ياخشى ئۆسمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مەن فوتوسى

ئاۋات ناھىيەلىك تەبىئىي گۈزەللىك ۋە كۆكتات دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى جوۋ لۇڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پارنىكىمىزدا شوخلا، لازا، چەيزە، خاڭگا، ليەنخۇابەي قاتارلىق كۆكتاتلار يېتىشتۈرۈلدى، ھازىر %20 پارنىكقا كۆكتات مايسىلىرى كۆچۈرۈلۈپ كىرگۈزۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پارنىكقا كۆچۈرۈپ تىكىمىز. ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن، پۇقرالارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى