12-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭدې شەھىرى ۋۇلىڭ رايونى بېيجېڭ كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭدې سىشيەن تىياتىرىنى رېپېتىتسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ «تىياتىرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»تىكى ئىككى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تىياتىر دەرسلىرى پائال تەسىس قىلىنىپ، ئالاقىدار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، بالىلارنى ئەنئەنىۋى تىياتىر مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ، ئەنئەنىۋى تىياتىر مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، تىياتىرغا ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى مۇھىت ياراتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى
12-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭدې شەھىرى ۋۇلىڭ رايونى بېيجېڭ كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جۇڭرۇەن ئارقىلىق چاڭدې سىشيەن تىياتىرىنىڭ يانداش مۇزىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.
12-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭدې شەھىرى دىڭچېڭ خۇاچۇەنمياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، دىڭچېڭ رايونلۇق خۇاگۇشى ئويۇنى قوغداش مەركىزىدىن كەلگەن خۇاگۇشى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى دۇ مېيشۇاڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇاڭگۇشى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
12-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭدې شەھىرى ۋۇلىڭ رايونى بېيجېڭ كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى باربىت ئارقىلىق چاڭدې سىشيەن تىياتىرىنىڭ يانداش مۇزىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.