تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 6-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

  شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«كەلگۈسىدىكى يۇرتۇم» (ئاپتور: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق 6-سىنىپتىن پەن يىشۈەن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ خەيلىڭ)
«رەڭدار تۇرمۇش» (ئاپتور: شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى يولچى ئوتتۇرا مەكتىپى 8-يىللىق 3-سىنىپتىن گۈلمىرە ئەركىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ لىجۈەن)
«قۇملۇق يېڭى شەھىرى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 4-يىللىق 4-سىنىپتىن ياڭ يىفەن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ليۇ فاڭ)
«2035 چوڭ مول ھوسۇل» (ئاپتور: شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازىرى ئىتتىپاق ئوتتۇرا مەكتىپى 4-يىللىق 1-سىنىپتىن قەيسەر ئابدۇكېرىم؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: دۈەن يۈنشيا)
«ئاپامنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرىم قىلىش ماشىنىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 2-سىنىپتىن لى سۇمېڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جۇڭ چۈن)
«ئۆسۈملۈك ئېلېكتىر شىركىتى» (ئاپتور: شىنجاڭ چۆچەك ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 3-سىنىپتىن لى ياخۇي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: سۇڭ ۋېنچياڭ)

«دېڭىز-ئوكيان شەھىرى» (ئاپتور: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 3-سىنىپتىن جاڭ يىنىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جۇاڭ لىڭ)
«ئالەم بوشلۇقىدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ 5- يىللىق 2-سىنىپتىن لو جىنخۇي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چى چى)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.