12-ئاينىڭ 14-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لاۋتىڭ ناھىيەلىك 3-يەسلىدىكى بالىلار بامبۇك ئات مىنىش ئويۇنى ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى لاۋتىڭ ناھىيەسىدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئەنئەنىۋى يەرلىك ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس سېھرىي كۈچىنى قېزىپ، تەۋەلىكتىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردە ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، بامبۇك ئات مىنىش، قېيىق ھەيدەش، چەمبەر دومىلىتىش، ياغاچ پۇتتا مېڭىش قاتارلىق ئەقىلنى ئېچىپ، تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان يەرلىك ئويۇنلارنى تەشەببۇس قىلىپ، بالىلارنى ئەنئەنىۋىلىك ئىچىدە مول، رەڭدار، شادىمان ئويۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى موۋ يۈ فوتوسى