تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ئاسانلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  ئۇيقۇ سۈپىتى ساغلاملىق سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. يېقىندا، خەلقئارا تېببىي ژۇرنال «ئالزېيمېر كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلى ژۇرنىلى»غا بېسىلغان فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى چېن باۋتەينىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇ بىلەن بىلىش توسالغۇسى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۇيقۇ ئالاھىدىلىكلىرى (توسالغۇسى) ئۇنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى زورايتىۋېتىدىكەن.

  «دۇنيا ئالزېيمېر كېسىلىنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ھەر ئۈچ سېكۇنتتا بىر ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. نۆۋەتتە، دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ 50 مىليون ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 2050-يىلىغا بارغاندا بۇ ساننىڭ 152 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، بۇنىڭ تەخمىنەن %60 ~ %70ى ئالزېيمېر كېسىلى(قىسقارتىلىپ ياشانغانلار دېۋەڭلىكى دېيىلىدۇ)گە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن.

  1. ئۇيقۇسىزلىق: بۇ، بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇيقۇغا كىرىش تەس بولۇش، ئۇيقۇ ھالىتىنى ساقلاش قىيىنلىشىش، شۇنداقلا بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى كېچىسى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق، يېرىم كېچىدە ئويغانغاندىن كېيىن يەنە تەستە ئۇخلاش، تاڭ يورۇماستىنلا ئويغىنىپ كېتىش ھەم قايتا ئۇخلىيالماسلىق.

  2. ئۇخلاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش: بۇ، ئۇخلاش ئۈنۈمى ئەمەلىي ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ، سېلىشتۇرما قىممىتى قانچە كىچىك بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتى شۇنچە ناچار بولىدۇ.

  3. ئۇخلاشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزىراش: ئۇخلاشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى سەگەكلىكتىن ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىشكە كېتىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇخلاشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشى كۆپىنچە كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن ئۇخلاشقا 30 مىنۇتچە كېتىش، ھەتتاكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتتا ئاندىن ئۇخلاشنى كۆرسىتىدۇ.

  4. ئۇيقۇ بۆلۈنۈش: يەنى ئۇيقۇ پارچىلىنىش، ئاساسلىق ئىپادىسى ئۇخلىغاندىن كېيىن قايتا-قايتا ئويغىنىش، گەرچە ھەر قېتىملىق ۋاقىت ناھايىتى قىسقا، ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن ئۇيقۇنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بۇزىدۇ.

   5. كۈندۈزلۈك فۇنكسىيەنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى: كۈندۈزى پات-پات چارچاش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولماسلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇيقۇسىراپ مۈگدەش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ياكى تەشۋىشلىنىش، ھەتتاكى زەربە بېرىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

  6. دائىم كارىۋاتتا يېتىۋېلىش: بۇ ئاساسلىقى مۈگدەش، ئۈگدەش ياكى روھسىزلىنىش سەۋەبىدىن ھەمىشە كارىۋاتتا يېتىۋېلىشنى ئويلايدىغان، ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپمۇ ئۇيقىغا كىرىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دائىم پېنسىيەگە چىققان ياكى ئىشسىز قالغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ.

  7. چۈشلۈك ئۇيقۇسى بولماسلىق: چۈشلۈك ئۇيقۇ خاھىشى بولمىغان ھەم يەنىلا چۈشتىن كېيىنكى زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشتە ئۇخلىماسلىق ئادەتتە بىلىشكە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ ئەگەر چۈشتە ئۇيقۇسى كەلسىمۇ، ئەمما چۈشلۈك ئۇيقۇ شارائىتى بولمىسا، چوڭ مېڭىدە مېتابولىزم تاشلاندۇقلىرى يىغىلىپ قېلىشى مۇمكىن. گېرمانىيە روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: چۈشتىن كېيىنكى سائەت بىر كۈندۈزدىكى بىر روشەن ئۇيقۇ يۇقىرى پەللىسى، بۇ ۋاقىتتا چۈشلۈك ئۇيقۇ بەدەندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنى تازىلاشقا پايدىلىق.

  8. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش: ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ۋاقىت بەك ئۇزۇن دەپ قارىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ نورمال ئۇيقۇ رىتىمىنى  ئۆزگەرتىۋېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەك كۆپ ئۇخلاشمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى ئاشۇرۇپ، نېرۋىنى زەھەرلەيدىغان ماددىلارنىڭ بىنورمال يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دېۋەڭلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

مۇخبىر لى شۇاڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى