تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلىقىنىڭ شېئرىي تۈسكە تولغان گۈزەل مەنزىرىسى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى

  غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (لى مېي خەۋىرى، فوتوسى): قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاق قۇلارنىڭ توختىماي كۆچۈشىگە ئەگىشىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئاق قۇ بۇلىقى مەنزىرە رايونى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ ھەر قېتىم قار ياغقان ياكى تۇمان سۆڭگىسى قاتارلىق ئالاھىدە ھاۋا رايى كۆرۈلگەندە، ئاق قۇ بۇلىقىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى.

  مۇخبىر 12-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاھلىق كەنتىدىكى ئاق قۇ بۇلىقى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا 100دىن ئارتۇق ئاق قۇنىڭ گاھ كۆل يۈزىدە گاھ ئۇيان-بۇيانغا ئۇچۇپ ئەركىن سەيلە قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى، سۇ بويىدا خاتىرجەم ھالدا پەيلىرىنى قېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يىراقتا، كۆل يۈزىنى ئاق تۇمان، قىرغاقتىكى ئوت-چۆپلەرنى تۇمان سۆڭگىسى قاپلىغان بولۇپ، سۇ يۈزىدە گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولغان ئاق قۇلار بۇ گۈزەل مەنزىرىگە يەنىمۇ ھۆسىن قوشقانىدى.

  غۇلجا ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى ئالمىرە مەرۇپجان مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاق قۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بۈگۈن ھاۋا رايى سەۋەبلىك تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنىمۇ كۆرەلىدۇق، ئاق قۇلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن، غۇلجا ناھىيەمىزدە مۇشۇنداق چىرايلىق ئاق قۇ كۆلى بار، بۇنىڭدىن بىز پەخىرلىنىمىز».

  گەرچە گۇگۇم چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى يەنىلا بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، بىر تەرەپتىن تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى ئىچىدىكى ئاق قۇلارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئاپپارات ئارقىلىق خاتىرىلىدى.

  ئۈرۈمچىلىك فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: «دوستلاردىن غۇلجا ناھىيەسىدە بىر ئاق قۇ بۇلىقى بارلىقىنى ئاڭلاپ مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلدۇق. گەرچە ھاۋا سوغۇق، تۇمان قويۇق بولسىمۇ، لېكىن تۇمان سۆڭگىسى ۋە كۆل يۈزىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، ئاق قۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئىكەن».

  غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گۇ خۇيلىڭ مۇنداق دېدى: «ئاق قۇ بۇلىقى ھەر يىلى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ بۇ يىلقى تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ناھايىتى رومانتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، بۇ جاي فوتوگرافلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلىقى ئەڭ گۈزەل مەزگىلگە كىردى، كۆپچىلىكنىڭ ئاق قۇ بۇلىقىغا كېلىپ، ئۆزى رازى بولغۇدەك ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتىشىنى قارشى ئالىمىز».

  مەنبە: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى