تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بۆلجۈرگەنلەر چېچەكلىدى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر مېۋە بېرىشنى كۈتمەكتە

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: «قاراڭ، بۇ بۆلجۈرگەننىڭ چېچەكلىگىنىگە 10 نەچچە كۈن بولدى، يەنە 20 كۈندىن كېيىن ئۈزگىلى بولىدۇ.» توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتى بۆلجۈرگەن باغچىسىدىكى باغۋەنلەر بۆلجۈرگەننى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغاچ تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  مۇخبىر 12-ئاينىڭ 12-كۈنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىدىكى بۆلجۈرگەن ئۈزۈش باغچىسىغا كىرىپ، پارنىكتا رەتلىك ئۆسكەن بۆلجۈرگەنلەرنى، ياپيېشىل شاخ-يوپۇرماقلار ئارىسىدا ئاق چېچەكلەرنىڭ ئېچىلىپ پارنىك ئىچىنى بېزىۋەتكەنلىكىنى كۆردى، باغۋەنلەر ھازىرقى ھاۋا رايى شارائىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىقچىلىق ۋە پەرۋىشنى كۈچەيتتى.

  قاراتاش كەنتىنىڭ بۆلجۈرگەن كەسپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولغا ئايلاندى. باغۋەنلەر كۆپ يىللىق تېرىقچىلىق ۋە پەرۋىش ئارقىلىق مول ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، مەۋقەنى «ئىشنى پۇختا قىلىپ، يىلمۇيىل كېڭەيتىش»قا قويدى، بۇ يىلقى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش كۆلىمى بۇلتۇرقى يىلىنىڭ ئاساسىدا كېڭەيدى.

  بۆلجۈرگەننى ئۆستۈرۈش دەۋرى قىسقا، كۆچۈرۈپ تىكىشتىن پىشقىچە پەقەت ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. بۆلجۈرگەندىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۆلجۈرگەن تىكىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، دېھقانلار ياۋا ئوت چۆپلەرنى يۇلۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۆلجۈرگەنگە  قارىتا ئىسسىق ساقلاش، يېتەرلىك سۇ ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۆلجۈرگەننىڭ ياخشى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە، بۆلجۈرگەنزارلىقتىكى بۆلجۈرگەنلەر چېچەكلەپ مېۋە بېرىشكە باشلىدى.

  قاراتاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىز نىياز مۇنداق دېدى: «بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنتىمىز بۆلجۈرگەن كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. چېچەك، مېۋىنى شالاڭلىتىپ، ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى قىلساق، سۈپىتى، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. يېڭى يىلدىن بۇرۇن بازارغا سېلىنىپ، توقسۇ ناھىيەسىدىكى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز».

مەنبە: توقسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى