تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كىلىمات ئۇلۇغۋار غايىسى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىپ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، يېشىللىقنى قايتا جانلاندۇرىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئائىت بىر قاتار يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى

12-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىلىمات ئۇلۇغۋار غايىسى باشلىقلار يىغىنىدا سىن ئارقىلىق «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئائىت بىر قاتار يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كىلىمات ئۇلۇغۋار غايىسى باشلىقلار يىغىنىدا سىن ئارقىلىق «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئائىت بىر قاتار يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەش يىل ئىلگىرى، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئەڭ زور سىياسىي ئىرادە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولغانىدى. بەش يىلدىن بۇيان، «پارىژ كېلىشىمى» يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، خەلقئارا ئەندىزە تېز ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش قوزغىدى، يەر شارىۋى كىلىماتنى تۈزەشنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ دىققەتنى تارتتى.

شى جىنپىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسى ئالدىدا ئىنسانىيەت تەقدىرداش. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى قوللىشىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئىككىنچى، ئۇلۇغۋار غايىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەڭ زور دەرىجىدە ھەرىكەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى جەھەتتىن قوللاشنى ھەقىقىي زورايتىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، يېشىللىقنى قايتا جانلاندۇرىدىغان كىلىماتنى تۈزەش يېڭى پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتتىن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىزدەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولدى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن جاكارلىدى، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنى جاكارلاشنى خالايمەنكى: 2030-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى 2005-يىلىدىكىدىن %65تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %25 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئورمان زاپىسى مىقدارى 2005-يىلىدىكىدىن 6 مىليارد كۇب مېتىر كۆپەيتىلىدۇ، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمى 1 مىليارد 200 مىليون كىلوۋاتتىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن لەۋزىدە تۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرىقى نىشانلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاسمان سۆزلىيەلمەيدۇ، بىراق تۆت پەسىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ، يەر سۆزلىيەلمەيدۇ، بىراق جانلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىۋېرىدۇ.» يەر شارى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق، بىردىنبىر يۇرت - ماكانى. بىز ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە يولغا قويۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى!

كىلىمات ئۇلۇغۋار غايىسى باشلىقلار يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنى كىلىمات ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك مۇساپىنى ئالغا سىلجىتىشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.