تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپەت دەرىجىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

ھازىرغىچە، شىنجاڭدا رويخەتكە ئېلىنغان A پاي چېكى بازىرىدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 59غا يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن 16سى كۆپىيىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر يىلىغا ئوتتۇرىچە ئۈچتىن ئارتۇق كۆپەيدى.

سانى ئېشىپلا قالماي، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي مۈلكى، ساپ مۈلكى، تىجارەت كىرىمى، ساپ پايدىسى قاتارلىق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچلىرىمۇ مۇقىم ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

ئېتىبار سىياسەتلەر شىركەتلەرنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خۇڭتۇڭ يېقىلغۇ گازى پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ ئاساسىي بۆلىكىدە پېيىنى بازارغا سالدى. بۇ، غەربىي رايون ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى، تىيانشان ئاليومىن پاي چەكلىك شىركىتىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن يىل ئىچىدە A پاي چېكى بازىرىدا پېيىنى بازارغا سالغان 3 - شىركەت ھېسابلىنىدۇ.

كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى كۆپ يىل يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئېتىبار سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانىلار پېيىنى بازارغا سېلىشتا «پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، جىپسىلاشتۇرۇشى تەرتىپلىك بولۇش، سىجىل تۈرتكە بولۇش»تەك ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ يىل، پېيى بازارغا سېلىنغان ئۈچ كارخانىدىن سىرت، بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پاي چېكى تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى، شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تۆت كارخانىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. شىنجاڭ خۇيخې بانكا پاي چەكلىك شىركىتى شياڭگاڭ بىرلەشمە سودا بازىرىغا پېيىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 21 كارخانا شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، ئەنگە ئېلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرى پېيىنى بازارغا سېلىش قىزغىن دولقۇنىنى قايتا كۈتۈۋالدى، بۇ، ئالدى بىلەن سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنىڭ پايدىسىدىن بولدى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، دۆلىتىمىز كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئۈچ بۆلەكنى ئىسلاھ قىلىپ، پاي ھوقۇقىنىڭ ئوبوروتچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇردى. بولۇپمۇ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى شىنجاڭغا «ئىلتىماس قىلغان ھامان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ھامان تارقىتىش»تىن ئىبارەت يېشىل يول سىياسىتىنى بېرىپ، قانۇنلۇق، قائىدىلىك بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى.

ئاپتونوم رايونىمىز پېيى بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۇدا كۆپ يىل يولغا قويۇپ، كاپىتال بازىرىغا بېرىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتكەن، ۋىۋىسكا ئاسقان، پېيىنى بازارغا سالغان ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن كارخانىلارغا مەخسۇس تۈردە تولۇقلىما ياردىمى بەردى. بۇ يىل 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، يېتىشتۈرۈش - يېتىلدۈرۈش، خۇسۇسىي تارقىتىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك بازاردا ئاشكارا تارقىتىش، پېيىنى بازارغا سېلىپ سودا قىلىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىدىن 857سى شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاستى، 62سى يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئاستى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشتىكى يېتەرلىك، زاپاس، تولۇقلىما كۈچ.

تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان تىپ. «<1 - ئاۋغۇست> پولات - تۆمۈر شىركىتى ئەسلىدە پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى دەسلەپكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلاتتى، ئەمما بازار رىقابىتى كەسكىن، پايدىسى ئاز ئىدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەش ئارقىلىق، تاختا ماتېرىيال، قېلىپلاشقان ماتېرىيال، ئەلا سۈپەتلىك پولات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇردى، كارخانا كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئاشتى» دېدى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شياۋ گودۇڭ.

ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئاقىل ياسىمىچىلىق، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 2017 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل پايدا ئېلىپ، ئىلگىرىكى ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتىش تارىخىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى.

بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تىيانشان ئاليومىنچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى شېنجېندا قايتا تەشكىللىنىپ نامىنى ئۆزگەرتىش ھەم پېيىنى بازارغا سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم، زور مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللارنىڭ بىرى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان 20 شىركەت مۇھىم، زور مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشنى تاماملىدى، سودا سوممىسى 234 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى، نۆۋەتتە يەنە ئۈچ شىركەت مۇھىم، زور مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.

تىپ ئۆزگەرتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ساغلاملىق، تېببىي دورا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە كىرىپ، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىلگىرىكى يۇقىرى سېلىنما، يۇقىرى بۇلغىما، يۇقىرى سەرپىياتلىق ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، سودا ئەندىزىسى، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ھالقىما تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى

2016 - يىلىدىن 2020 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ كاپىتال بازىرى ئارقىلىق جەمئىي 293 مىليارد 462 مىليون يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى جەمئىي ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1.84 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ تيەنشۇن تەمىنلەش زەنجىرى پاي چەكلىك شىركىتى 2018 - يىلى خەلقئارا تولۇق يۈكلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىتىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن ئون يىلدا تولۇق يۈكلۈك ئايروپىلان ئۇچماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. نۆۋەتتە، گېرمانىيەنىڭ خاخن، بېلگىيەنىڭ ليېگې، ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېننا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون، رۇسىيەنىڭ موسكۋا قاتارلىق جايلىرىغا بارىدىغان نۇرغۇن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تيەنشۇن ئەشيا ئوبوروتى يەنە ۋاقىتلىق ھاۋا بوشلۇقى كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئايرودۇرۇم، ئامباردا ساقلاش، سودا، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق سىرتقا ئۇزارتىلغان كەسىپلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندى.

تيەنشۇن ئەشيا ئوبوروتى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شېرىكلىشىپ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى بىرلەشمە تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ تىجارىتىنى پائال يۈرۈشتۈردى. «نۆۋەتتە، شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق يۆنىلىشتىكى ئون دۆلەتتىكى 22 شەھەرگە قاتنايدۇ. بۇ ئاساستا، بىز ئوتتۇرا ئاسىيا خاس سۈپەتلىك ماركا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>غا مۇلازىمەت قىلىدىغان كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت خاسلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلىمىز» دېدى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭ تيەنشۇن تەمىنلەش زەنجىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ پۇيۈ.

پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتى باج يىغىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى خىراجىتى جەمئىي 42 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولدى؛ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر جەمئىي 230 مىڭ 700 كىشى بولدى.

«14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يادرولۇق رايون بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى