تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«قەشقەرچە ياخشى تەم» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پۇكىيى شەندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى مۇلازىمەت رايونىغا ئورۇنلاشتى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى (قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ جىخېڭ خەۋىرى): شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە: 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى سېتىلىش كۆلىمى ۋە ئوبوروت يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، چاڭچۇن-شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا قاراشلىق مۇلازىمەت رايونى (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى) ۋە جىنەن-چىڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى جەنۇبىي لىنىيەسىدىكى بىر قىسىم سودا سارىيى، تاللا بازارلىرىدا «قەشقەرچە ياخشى تەم» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پۇكىيىدىن 20نى تەسىس قىلغان.

  «قەشقەرچە ياخشى تەم» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پۇكىيىدا ئاساسلىقى چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم، ئالما، قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ.

  ھازىر، شەندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گۇرۇھى كۈندىلىك تىجارەت ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش لايىھەسىنى پائال تۈزۈپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇلازىمەت رايونىغا توپلانغان يولۇچىلار ئېقىمى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەندۇڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ماركىسىنى ياراتتى، بۇ ئەندىزە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 50 مۇنەۋۋەر تىپىك مىسال بولۇپ تاللاندى.

  ھازىرغىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى بەش شەھەردە «چوڭ ئامبار» تەسىس قىلىپ، «قەشقەرچە ياخشى تەم» بايراقدار دۇكىنىدىن 17نى، ئىتتىپاقداش دۇكاندىن 150 نەچچىنى ئاچتى. «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 60 نەچچە كارخانا، 400 خىل خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى شەندۇڭ بازىرىغا كىرىپ، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 20 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى