تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو «تەكلىپ <مۇزاكىرە نۇسخىسى>» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش پىلانلاندى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2-قېتىملىق، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم تاشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

ئومۇمىي يىغىندا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا 2035-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، 1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2-كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3-كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئون چوڭ كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، قاتناش-تىرانسپورت، زامانىۋى سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ تىرەك سىستېما»نى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەرلەر بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەرلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىتنى تۈزەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن ۋە يەرلىك بىر ئائىلە دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئونىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئەمىن ئۆي كاپالىتى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك كاپالىتى، مۇقىملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، كادىرلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات ۋە مۇھىتنى پائال بەرپا قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.

ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك بەيياڭ شەھىرىنى تەسىس قىلىپ مەمۇرىي رايونغا ئايرىپ تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھە» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاڭ شياۋلېي، ليۇ شيەنباۋ، سەي ئەندوڭ قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن سورىغان ئىستېپاسى تەستىقلاندى، لى جىدۇڭ، ۋۇ يەن، ئابلىز ئابدۇك، ئابدۇراخمان قادىر، ئەخمەتجان مىنام قاتارلىق بەش يولداش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.