تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

باي ناھىيەسى قىزىل تاش ئورمان جىلغىسىنىڭ قاردىن كېيىنكى گۈزەل مەنزىرىسى

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى قىزىل تاش ئورمان جىلغىسىنىڭ قاردىن كېيىنكى يارداڭ يەر شەكلى گۈزەل مەنزىرىسى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۈيۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): شۇ كۈنى، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، باي ناھىيەسىدە قىش كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قار ياغدى، باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل تاش ئورمىنى ۋە جىلغىدىكى قاتمۇقات تاغلار بىر قەۋەت ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى. 

  باي ناھىيەسىدىكى قىزىل تاش ئورمىنى جىلغىسى تىپىك يارداڭ يەر شەكلى گىيولوگىيەلىك مەنزىرىسى بولۇپ، تىرىئاس سىستېمىسىدىكى ھەر خىل چۆكۈندى جىنسلار، يۇرا سىستېمىسىدىكى ھەر خىل رەڭلىك سېزىلمە چۆكۈندى جىنسلار ۋە بور سىستېمىسىدىكى ھەر خىل چۆكۈندى جىنسلاردىن تەركىب تاپقان، يامغۇر سۈيىنىڭ يالىشى ۋە شامالنىڭ چىرىتىشىنىڭ تەسىرىدە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ھەرخىل رەڭدىكى شەكلى خىلمۇخىل تەبىئىي مەنزىرىلەر شەكىللەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى