تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى: گۇما مائارىپىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سانجۇدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرلىرىدىن يەن لۇڭچۇن، شيا مېڭشيەن، چېڭ شۈ، لۈ ۋېي، شيا شىشيەن قاتارلىق بەش كىشى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، جياڭسۇ چيەنرېنگاڭ گۇرۇھىنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە گۇمىدىكى بالىلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئېلىپ، گۇما ناھىيە سانجۇ بازىرى پوسكا باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا 200 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 780 نەچچە يۈرۈش مامۇق كىيىم ئېلىپ كەلدى ھەم ھەربىر ئوقۇغۇچىغا تارقىتىپ بەردى.

گۇما ناھىيە سانجۇ بازىرى پوسكا باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز، مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قالاق، ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئىشخانا شارائىتى بىر قەدەر ناچار ئىدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ، تۇرمۇش شارائىتىمۇ جاپالىق ئىدى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جياڭسۇ چيەنرېنگاڭ گۇرۇھىنىڭ گۇمىدىكى بالىلارغا بولغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈپ، گۇمىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، ياردەمگە ئېرىشكەن مەكتەپ چيەنرېنگاڭ گۇرۇھى ۋەكىلىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى؛ يەن لۇڭچۇن گۇما ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن ئىئائەنە قىلغۇچى تەرەپكە رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادە، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، بىلىم ئارقلىق تەقدىرىنى ئۆگەرتىپ، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرۇپ، مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ياخشى نىيىتى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى چيەنرېنگاڭ گۇرۇھى ۋە ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلىرىغا ئۆزلىرى قولدا ياسىغان تەبرىك كارتىسى ۋە رەھمەت خېتىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىنەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

گۈل سوۋغا قىلغان كىشىنىڭ قولىدا گۈلنىڭ ھىدى قالىدۇ. خەير-ساخاۋەت بىر تۈرلۈك ئاممىۋى ئىش، شۇنداقلا بىز ھەربىرەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئىپادىلىنىشى. پەقەت ھەممەيلەن مۇھەببىتىدىن ئازغىنە تەقدىم قىلسىلا، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى