تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، دۆلىتىمىزدىكى 100 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسلارنى مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىنكى داۋاملىق يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەبلەغ، مۈلۈك تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتى، مەبلەغ مەدىتى، ياردەم بېرىش-يۆلەش كۈچىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر بىلەن قىسقا مەزگىللىك تەدبىر بىرلەشتۈرۈلگەن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ئورنىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېز سىڭىشىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى پۈتۈن زەنجىرلىك قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىلىك قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.