تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىش پەسلىدە ماسكا تاقىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى): بۈگۈنكى كۈندە، «سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. قىش پەسلىدە، ئىلمىي ماسكا تاقاشتا نۇرغۇن ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، زىيارەت داۋامىدا، شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى شۆبە دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يىن فېڭ مۇنداق دېدى: «ماسكىنى توغرا تاقىغاندا ناھايىتى ياخشى قوغدىنىش رولىنى ئوينايدۇ، خاتا تاقىغاندا قوغدىنىش رولىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا ماسكىنى باكتېرىيەنىڭ ئىللىق بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ».

  قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ماسكا تاقىغاندا ئاسانلا ھوردىلىپ كېتىدۇ، ھۆل بولۇپ كەتكەن ماسكىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولامدۇق، يىن فېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆل بولۇپ كەتكەن ماسكىنىڭ قوغدىنىش رولى ياخشى بولمىغاچقا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ماسكىلارنى كۆپرەك تەييارلاپ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

  ماسكىنىڭ ھوردىلىپ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماسكا ئىچىگە قەغەز قىستۇرۇپ قويۇشقا بولامدۇ؟ يىن فېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. قەغەز قىستۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ماسكا يۈزگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرمايدۇ».

   ماسكا تاللاشقا قارىتا يىن فېڭ مۇنداق دېدى: «پاختا رەختلىك ماسكىنىڭ ۋىرۇستىن ساقلىنىش رولى يوق، يەنە باكتېرىيە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماسكىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن باشقا، KN95/N95 دىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ماسكىنى تاللىسا بولىدۇ. بالىلار، ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، نەپەسلىنىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىغان ماسكىنى تاقاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ».

  كۆزەينەك تاقايدىغان شەھەر ئاھالىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ماسكا تاقىغاندىن كېيىن كۆزەينەك ھوردىلىپ قېلىشقا قارىتا، يىن فېڭ سوپۇن سۈيى ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن كۆزەينەك سۈرتسە، تۇماننى ۋاقىتلىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سوپۇن سۈيى ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئەگەر قويۇقلۇق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ۋاكۇئۇملۇق پەردە يالىتىپ ئاسانلا چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  كۆزەينەكنى ماسكا ئۈستىگە بېسىپ ھوردىنىشتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل كۆزەينەك بىلەن كۆز ئالمىسى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى چوڭايتىپ، كۆزەينەكنىڭ توغرا ئىشلىتىلىش ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، كۆزەينەكنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يىن فېڭ يەنە مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ماسكا تاقاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. ئەگەر ئىككى قولى پاكىز بولمىسا، يەنە ئېھتىياتسىزلىقتىن ماسكىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە تېگىپ كەتسە، مىكروب ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇپ قالىدۇ، ئۆيگە قايتقاندا ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ قولنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، كېسەللىك باكتېرىيەسى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى