تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئاكا-ئۇكىلار

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىرە نىسبېك): «جاڭ ئاكا، سىرتقا چىقامسىز؟» 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىخۇ شەھىرى شىڭيۈەن سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىخۇ شەھىرى توتەي يېزىسى سازاۋۋوزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ لياڭ 43 ياشلىق كەنت ئاھالىسى جاڭ جىخەينىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قىزغىن سالاملاشتى.

  «شۇنداق، مەن ئۇكام ئېرجان بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي. ئۇ يېزىدا ئىشلەيتتى، كەنتكە قايتمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنى سېغىندىم، ئەمدى بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كېلەي» دېدى جاڭ جىخەي كۈلۈپ تۇرۇپ.

  جاڭ جىخەي بىلەن ئېرجان باۋتا ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، كەنتتە نامى چىققان، كىچىك ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئىككىسى ئەڭ ياخشى ھەمراھلاردىن ئىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئاكا-ئۇكىلارغا ئايلاندى.

  جاڭ جىخەي ئېرجاندىن ئۈچ ياش چوڭ ئىدى، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بىر-بىرىگە مايىل بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلمايتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جاڭ جىخەي يۇرتىدا قېلىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلدى، ئېرجان بولسا سىرتقا چىقىپ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە كارخانىغا بېرىپ ئىشلىدى. 2002-يىلى، ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغاچقا ھەمدە ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، ئېرجان كەنتكە قايتىپ كەلدى.

  «قايتىپ كەلگەنىكەنسىز، بىرەر پىلانىڭىز بارمۇ؟» جاڭ جىخەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرجاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا جاڭ جىخەي ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىر بالىسى بار، تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى ئىدى. جاڭ جىخەينىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى ئېرجاننىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئويى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

  «مەن ئاۋۋال ئائىلەمنىڭ يېرىنى تېرىپ، كۆپرەك پۇل تاپسام دەيمەن» دېدى ئېرجان.

  «سەن پۇل تاپماقچى بولساڭ، يەر تېرىش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىشىڭ كېرەك، قورقما، مەن ساڭا ئۆگىتىپ قويىمەن» دېدى جاڭ جىخەي.

  جاڭ جىخەي ئېرجانغا يەر تېرىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، نېمە تېرىش، قانداق تېرىش، قانداق ئوغۇتلاش، قاچان ئوغۇتلاش، زىرائەتلەرنى قانداق پەرۋىش قىلىشقىچە بىر يۈرۈش مۇلازىمەت قىلدى. ئېرجاننىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولمىغان ئەھۋالدا، جاڭ جىخەي ھەقسىز تەمىنلەپ بەردى؛ مول ھوسۇل پەسلىدە ئېرجان ئۆزى يالغۇز يېتىشەلمىسە، جاڭ جىخەي ھەمىشە يېنىدا پەيدا بولدى.

  جاڭ جىخەينىڭ ياردىمىدە ئېرجاننىڭ يېرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. بۇ يىل ئىككىيلەن تېرىغان كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامغا يېتىپ، مو بېشى كىرىمى 2400 يۈەنگە يەتتى. ئېرجان ئائىلىسىمۇ يېڭى سالغان ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  ئېرجان ئائىلىسىدىكى بەش بالىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئاچىسى بار ئىدى، جاڭ جىخەي ئۇنىڭ ئاكىسى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ جاڭ جىخەي ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئېرجان ئۇنى بىر«تۇغقان» ئۇكىغا ئىگە قىلدى.

  جاڭ جىخەي بىلەن ئېرجان بىر-بىرىنىڭ غېمىنى يەپ، دائىم بىر-بىرىگە تېلېفون بېرىپ، بىر-بىرىنى يوقلاپ تۇرىدۇ، ئېرجاننىڭ ئىككى بالىسىمۇ جاڭ جىخەينى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يىل، ئىككى بالىنىڭ يەسلىدە ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئېرجان خوتۇنى بىلەن يېزىدىكى يەسلىگە يېقىن يەردىن بىر ئېغىز ئۆي ئىجارە ئالدى. جاڭ جىخەي ئىنىسى ۋە جىيەنىنى سېغىنغاندا، دائىم دېگۈدەك ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدۇ.

  «ھازىر ئىككى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇ يىل قىشتىكى ئارىسال ۋاقتىمىزدا ئىنىم يەنە يېزىدىن خىزمەت تاپتى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم» جاڭ جىخەي مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىشىمىز كېرەك». 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى