تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە بالىلارغا ۋاكسىنىنى قانداق ئەملەش كېرەك

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شياۋچىڭ خەۋىرى) دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بالىلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشتە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قانداق  ئىشلەش كېرەك؟ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چيەن بىن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاتا-ئانىلار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ماسلىشىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسىتىشى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم ئالدىن كېلىشىپ، يىغىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش، شەخسىي قوغدىنىشنى بوشاشتۇرماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  «ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىشتىن بۇرۇن، تېلېفون ياكى دوختۇرخانا ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ، ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلاپ، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ، ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىدە زىيادە ساقلاپ كېتىشنى ئازايتىش كېرەك» دېدى چيەن بىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىشتىن بۇرۇن، ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى، ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملەتكىلى بارماستىن، ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىنى ئايرىم كىلىشىشى ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك؛ قىش پەسلىدە ئىسسىقلىقنى ساقلىغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارغا ئازادە ۋە ئاسان سالغىلى بولىدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ، ۋاكسىنا ئەملىگەندە، كىيىم سېلىش، كىيىم كىيىشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتنى ئازايتىش كېرەك؛ ھەر بىر بالىغا  بىرلا ئائىلە باشلىقىنىڭ ھەمراھ بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ سىرتقا چىققاندا ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ماسكىنى ئىلمىي تاقاپ، قول تازىلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  چيەن بىن ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىدە، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ماسلىشىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە بالىلار ئاممىۋى ئەسلىھە ياكى بۇيۇملارنى ئىمكانقەدەر ئاز تۇتۇشى، كۆز، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئورۇنلارنى تۇتماسلىقى ياكى ئۇۋۇلاشتىن ساقلىنىشى، ئەگەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن ئۇچراشسا، ۋاقتىدا قولىنى يۇيۇپ، ھەر ۋاقىت قول تازىلىقىنى ساقلىشى كېرەك. «ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، تەلەپ بويىچە كۆزىتىش رايونىدا 30 مىنۇت كۆزىتىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، توپلىشىپ پاراڭلاشماسلىق، 30 مىنۇتتىن كېيىن بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىسە دەرھال قايتىپ كېتىش، ئادەم توپلىشىشتىن ساقلىنىش، يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك» دېدى چيەن بىن.

  چيەن بىن يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا قول يۇيۇش ھەمدە ھەر ۋاقىت بالىدا پۈتۈن بەدەن ياكى قىسمەن دائىرىدە ناچار تەسىر پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر بالىغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئازراق قىزىش (38.5تىن ئېشىپ كەتمىسە)، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتە 2-3كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ روھىي ھالىتى ناچار بولۇپ، داۋاملىق قىزىش (بەدەن تېمپېراتۇرىسى38.5تىن يۇقىرى بولسا) ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىپ ئىششىش، زىيادە سەزگۈرلۈك ئەسۋەسى چىقىش، جىددىي قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە دوختۇرغا ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى