تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ياخشى ئاكا - ئۇكىلار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جەزىرە نىسىپبېك

«جاڭ ئاكا، سىرتقا چىقامسىز؟» 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىخو شەھىرى شىڭيۈەن سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىخو شەھىرى توتەي يېزىسى سازاۋۋوزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ لياڭ 43 ياشلىق كەنت ئاھالىسى جاڭ جىخەينىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، قىزغىن سالاملاشتى.

«ھەئە، ئۇكام يېرجاننى يوقلاپ كېلەي، ئۇ يېزىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، كەنتكە قايتمىغىلى ئۇزاق بولدى، ئۇنى سېغىندىم، ھازىر ئۇنى كۆرۈپ كېلىشكە ماڭدىم» دېدى جاڭ جىخەي كۈلۈپ تۇرۇپ.

جاڭ جىخەي بىلەن يېرجان بوتا ئاكا - ئۇكىنىڭ مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، كەنتتە نامى چىققان. كىچىك ۋاقتىدا، ئۇ ئىككىسى بىللە ئوينايدىغان ئەڭ ياخشى دوستلاردىن ئىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان ياخشى ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ ئۆتۈۋاتىدۇ.

جاڭ جىخەي يېرجاندىن ئۈچ ياش چوڭ بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مىجەزى كېلىشەتتى، كىچىكىدىنلا بىر - بىرىدىن ئايرىلمايتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جاڭ جىخەي يۇرتىدا قېلىپ دېھقانچىلىق قىلدى، يېرجان بولسا باشقا يەردە ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە كارخانىغا بېرىپ ئىشلىدى. ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغان، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، 2002 - يىلى يېرجان كەنتكە قايتىپ كەلدى.

«قايتىپ كەلگەن ئىكەنسەن بىرەر پىلانىڭ بارمۇ؟» جاڭ جىخەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېرجاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا جاڭ جىخەي توي قىلىپ، بىر بالىلىق بولغان، تۇرمۇشى يامان ئەمەس ئىدى. جاڭ جىخەينىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن يېرجان ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

«ئاۋۋال يېرىمنى ياخشى تېرىپ، كۆپرەك پۇل تاپقۇم بار» دېدى يېرجان.

«پۇل تاپماقچى بولساڭ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگەن، ئەنسىرىمە، مەن ساڭا ئۆگىتىپ قويىمەن» دېدى جاڭ جىخەي.

جاڭ جىخەي يېرجانغا يەر تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، نېمە تېرىش، قانداق تېرىش، قانداق ئوغۇت ئىشلىتىش، قانداق ۋاقىتتا ئوغۇتلاشتىن تارتىپ زىرائەتلەرنى قانداق پەرۋىش قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، باشتىن - ئاخىر دېگۈدەك مۇلازىمەت قىلدى. يېرجاننىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولمىسا، جاڭ جىخەي ھەقسىز تەمىنلىدى؛ ھوسۇل پەسلىدە يېرجان ئۆزى يالغۇز يېتىشەلمىگەندە، جاڭ جىخەي ھەمىشە دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولاتتى.

جاڭ جىخەينىڭ ياردىمىدە، يېرجان يەرنى بارغانسېرى ياخشى تېرىيدىغان بولدى، كىرىمىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل ئىككىيلەن تېرىغان كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامغا، مو بېشى كىرىمى 2400 يۈەنگە يەتتى. يېرجانمۇ يېڭى ئۆي سالدى، 2014 - يىلى يەنە ئۆي - ئوچاقلىق بولدى.

يېرجان ئۆيدىكى بەش بالىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئىككى ئاچىسى بار، جاڭ جىخەي ئۇنىڭ ئاكام بولسىكەن دېگەن ئارزۇسىنى قاندۇردى؛ جاڭ جىخەي ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، يېرجان ئۇنىڭ «ئۆز» ئۇكىسى بولدى.

جاڭ جىخەي بىلەن يېرجان بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ، تېلېفوندا سۆزلىشىپ تۇرغاندىن سىرت ئۆيلىرىگە بېرىشىپ يوقلىشىپ تۇرىدۇ، يېرجاننىڭ ئىككى بالىسىمۇ جاڭ جىخەينى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يىل ئىككى بالىسىنىڭ يەسلىدە ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يېرجان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى يېزىدىكى يەسلىگە يېقىنراق يەردىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئالدى. جاڭ جىخەي ئۇكىسى ۋە جىيەنلىرىنى سېغىنغاندا، پات - پات ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ يوقلاپ تۇرىدۇ.

«ھازىر بىز ئىككى ئائىلىنىڭ كۈنلىرى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇ يىل قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقىتتا ئۇكام يەنە يېزىدىن خىزمەت تاپتى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.» جاڭ جىخەي مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق تىرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى