تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر زاكىر زوردۇننى زىيارەت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن

[ئىستون سۆزى]

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەجرىبە، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەش، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاش، تۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «نوپۇزلۇق سۆھبەت» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلىرى ھەمدە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر.

«13 - بەش يىل»گە نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، شىنجاڭ قانداق قىلغاندا خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتالايدۇ؟ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانداق كونكرېت تەدبىرلىرى ۋە پىلانى بار؟ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر زاكىر زوردۇننى زىيارەت قىلدى.

«13 - بەش يىل»دىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر مىسلىسىز بولدى

زاكىر زوردۇن مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە قەتئىي، كەسكىن تاقابىل تۇردى. جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلاندى. «13 - بەش يىل»نىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.8 ئاشتى. 2017 - يىلى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەندىن ھالقىپ ئۆتتى، 2019 - يىلى 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يەتتى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىقتىساد بىلەن ماس قەدەمدە ئېشىشنى ساقلاپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە 3 مىليون 89 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، شىنجاڭدا مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلدى، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش»نىڭ قولايلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش» تور رامكىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ، بىر تۈركۈم زامانىۋى چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئىشتاتلىق كەنتلەردە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە توكى يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.

«14 - بەش يىل» ئىلمىي پىلانلاندى

زاكىر زوردۇن مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىللىق يىرىك پىلان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى.

«نۆۋەتتە، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى رامكىسىنى شەكىللەندۈردۇق.» زاكىر زوردۇن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ.

خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنىدۇ

زاكىر زوردۇن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىيات جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان تەرەققىيات، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەرەققىيات.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش، تىزگىنلەش، كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز تۈرلۈك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى» ۋە «تۆتنى راۋانلاشتۇرۇش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، گۆش تۈرى بويىچە ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، «كۆك - تاق» تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

خەلق تۇرمۇشى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ؛ تۈر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ؛ مۇلازىمەت ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا ياخشى ئىشلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى تۈرىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە مۇھىم ئامىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەمىنلەش زورايتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش سالمىقى زورايتىلىپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. «مەبلەغ، مۇھىم ئامىللارنىڭ تۈرگە يېتىشىپ مېڭىش»ىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ياخشى ئىشلىتىلىپ، مەخسۇس قەرز پۇلنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئەل ئىچى سېلىنمىسى، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى قوزغىتىلىدۇ. تۈرگە قوماندانلىق قىلىش - ماسلاشتۇرۇش، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشمە يىغىن قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىنىدۇ. «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم، زور» ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ساھەسى نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تەتقىق قىلىنىپ پىلانلىنىپ، پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىدۇ. قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئىككى رايوننى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى پائال قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش تېزلىتىلىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» «بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» «بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» «مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» پائال يولغا قويۇلۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىر توردا بېجىرىپ تاماملاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

زاكىر زوردۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى