تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، يېڭى دەۋردىكى قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» بويىچە تەپتىش ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتكە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى قاتارلىقلار قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئارقىلىق، كۆپچىلىك تەپتىش ئورگىنىغا كىرىپ، تەپتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىدا مەھكىمە ئورگىنىدىكى بارلىق كادىر - ساقچىلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «قانۇننى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، <دەستۇر> ئارقىلىق قەلبلەرنى يورۇتۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى چېنگۇاڭ مەھەللىسىدە، ئاھالىلەرگە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ سىستېما رامكىسى ۋە ئۇنىڭدىكى يارقىن ماددىلارنى نۇقتىلىق سۆزلەپ چۈشەندۈردى ھەم نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە قانۇندىن مەسلىھەت بەردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بارلىق ئىشتاتلىق سودىيەلەرنى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە قەسەم بېرىش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ سوت مەھكىمىسى يەنە جەنۇبىي دوستلۇق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭچياۋ شىمالىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىللە مەھەللە ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش كىچىك دەرسخانا پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى پۇرسەت بىلىپ، كادىر - ساقچىلارنى تەشكىللەپ، «مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئاساسىي قانۇن ئۆگىنىمەن» باش تېما پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، تورغا كىرگۈزۈش، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى بولۇشقا يېتەكلىدى.

ئالتاي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» باش تېمىسىدىكى قول يازما گېزىتى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈردى.

ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى يەنە «چوڭ كاناي»دا، كۆچمە رادىيودا، كۆچمە تەشۋىقات ئاپتوموبىلىدا لېكسىيە سۆزلەش ھەم كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا كەچلىك مەكتىپى، كەنت ئاھالىلىرى چوڭ دەرسخانىسى قاتارلىق بازىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق، ئەتراپىدىكى تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنچىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى