تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقان رەخمەتجاننىڭ «بىلىم ئېلىش» خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دوۋ جيەن

بالىلىرى ئويناۋاتاتتى، خوتۇنىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، پارنىكتىكى جۈسەيلەرگە يوپۇق يېپىلىش ئالدىدا تۇراتتى، قوتاندىكى كالا - قويلار كۈندىن - كۈنگە تىمەن، سېمىز بولۇۋاتاتتى... كۆز ئالدىدىكى ھەممىنى قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى تاغ ئاغزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رەخمەتجان تۇردى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. نامرات ئائىلىدىن شۇ جايدا خېلى نامى چىققان باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، كۆكتات ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك تېخنىكى بولۇشقىچە بولغان ئۈچ يىلدا، رەخمەتجان قالتىس بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىلمىيلەشكەن تېرىقچىلىق، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، كۆكتات ئۆستۈرۈشنى ئىلمىي پىلانلىدى، باغ - ئورمانچىلىق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇردى. ياش تۇرۇپلا نامرات ئاھالە دېگەن قالپاقنى كىيىشنى خالىمىغان رەخمەتجان ياخشى سىياسەتنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، 2018 - يىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئۈچ يىللىق ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، تىراكتور سېتىۋالدى، يەر ھۆددىگە ئالدى، بىر تەرەپتىن، تىراكتور ھەيدەشكە تايىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زىرائەتلىرىنى يىغىپ بېرىپ پۇل تاپتى، بىر تەرەپتىن، چەيزە، لازا، سەۋزە قاتارلىق ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلىدىغان كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈشنى سىناپ كۆردى.

«كۆكتات مايسىلىرىنى ھۆكۈمەت ھەقسىز بەردى، ھەر مو يەرگە ئوغۇتنىمۇ يەتكۈزۈپ بەردى.» كەنتتىكى تېخنىكا يېتەكچىسى شيې گۇاڭمىڭنىڭ بىرىنچى قېتىم ئېتىز بېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرگەن كۆرۈنۈش رەخمەتجاننىڭ ھازىرغىچە ئېسىدە، چۆنەك تارتىش، كۆچۈرۈپ تىكىشتىن سۇغىرىشقىچە، ھەربىر ھالقا رەخمەتجان ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم ناتونۇش، ھەم يېڭىلىق ئىدى، ئۇنىڭدا كەلگۈسىگە نىسبەتەن گاڭگىراش بار ئىدى، ئەمما تىرىشىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن ھاياجانلىنىش تېخىمۇ كۆپ بولدى.

ئاشۇ چاغدا، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئورۇشۇپ بەرگەندىن باشقا، رەخمەتجان پۈتۈن زېھنىنى كۆكتات ئۆستۈرۈشكە قاراتتى، ئەمما كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىككەندىن كېيىن يەنىلا غولى ۋە يوپۇرماقلىرى سولىشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى؛ قانداق سۇغارسىمۇ كار قىلمىدى، ئۇ دەرھال شيې گۇاڭمىڭدىن ياردەم سورىدى. «غول ۋە يوپۇرماقنىڭ سولىشىپ قېلىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار، سۇ كەمچىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب. ئەگەر دەل جايىدا تەدبىر قوللانمىغاندا، ھەدەپ سۇغىرىۋېرىش پەقەت ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» شيې گۇاڭمىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك − يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىلىمىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

كىتابتىن ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆگىنىش، تېخنىك خادىملار ۋە ئەمەلىي تەجرىبىسى بار كەنت ئاھالىلىرىدىن ئۆگىنىش... ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، رەخمەتجان ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش باش چۆكۈرۈپ بېرىلىپ ئۆگەندى، ئۈزلۈكسىز ئۆگەندى، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلىدى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن كۆكتاتلار بارغانسېرى بولۇق ئۆستى، سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. بىر يىلدا ئىككى قېتىم كۆكتات ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، رەخمەتجاننىڭ ھەميېنى تومپىيىشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭغا بىلىم، تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈر بولۇپلا قالماي، بەلكى تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

«قوشنىلىرىمنىڭ ھەممىسى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرىدۇ، ئەسلىدىكى يەر تېرىغانغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، مەنمۇ بۇ سەپكە قېتىلىمەن.» كاللا بېيىتىلمىغۇچە، يانچۇقنىڭ تومپىيىشى تەس، رەخمەتجان ئۆگىنىشچان دېھقان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. 2019 - يىلى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «كۆكتاتنى كۆچۈرۈپ تىكىش» تۈرىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلىپ، رەخمەتجان ئىككى كۆكتات پارنىكىنى ھۆددىگە ئېلىپ، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈردى.

كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ھەمدە پارنىكتىكى مايسا يېتىشتۈرۈش ئېتىزىنى باشقۇرۇش، مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن، رەخمەتجان شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدىن تاغ ئاغزى كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1 - شۇجى ياردەمچىسى ۋاڭ شىنيىنى ئىزدەپ تېپىپ، مەكتەپتىكى مۇتەخەسسىسلەرنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تونۇشتۇرۇپ قويۇشقا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى. «ۋاڭ مۇئەللىم ناھايىتى تېزلا ماڭا بىر پىروفېسسورنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ئۇ توردا مېنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈشۈمگە يېتەكچىلىك قىلدى، مايسا يېتىشتۈرۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بەردى».

ئەجىر يەردە قالمايدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى قېتىم يېتىشتۈرۈشتە رەخمەتجاننىڭ كۆكتات مايسىلىرى كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئۆسۈپ، يۇرتداشلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ پارنىكىغا بېرىپ مايسا تاللىدى. ئۇ شۇ يىلى مايسا يېتىشتۈرۈشكە تايىنىپلا، 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، قەرز پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولدى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

2019 - يىلى يېزىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، رەخمەتجان قەشقەر داشۆگە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلدى ھەم «مۇنەۋۋەر كۇرسانت» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ مەبلەغ غەملەپ 14 كالا، 22 قوي سېتىۋېلىپ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى خېلى نامى بار باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.

بۇ يىل رەخمەتجان قەشقەر شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆزىگە ئوخشاش كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئويلاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىغا ياردەم بەردى. «كۈندە تىرىشسىلا، پۇل تاپقىلى بولىدۇ؛ كۈندە ئۇخلاپ ياتسا، ھېچنېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.» رەخمەتجان مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە <نامراتلىق قالپىقى>مىز ئېلىۋېتىلدى، ئەمدى تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى