تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭلىق بۇ قىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە «جۇلالاندى»

جاڭ بېي

يۇرتىدىكى تاغدىن چىقىپ، يىراقتىكى زاۋۇتقا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى» مۇكاپاتىنى ئېلىش سەھنىسىگە چىقىش − جەنۇبىي شىنجاڭلىق قىز پاشاگۈل كېرەم پۇختا قەدەم بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى يارقىن پەيتكە قەدەم ئالدى.

پاشاگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىن نۇرغۇن كۈچلۈك پەرقلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ: غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، تاغنىڭ توسقۇنلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىشىلىك ھاياتتىكى داغدام يولدا مېڭىش، ئىدىيە ئىسكەنجىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش... جەنۇبىي شىنجاڭلىق بۇ قىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق «جۇلالاندى»؟ بۇنىڭ جاۋابى دەل ئۇنىڭ ھېكايىسىدە.

ئۇنىڭ ھېكايىسى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان جاسارەتكە تولغان. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، ئەمما 14 يىل ئىلگىرى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇرتىدىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. 23 ياشلىق پاشاگۈل پۈتۈن كەنت بويىچە بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى جۈرئەت ۋە جاسارەت ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ياشلىق باھارىنى ئۆزگىچە نۇرلاندۇردى. بۇ دەۋر ھەربىر ئادەمنى كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھالبۇكى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كىشىلەرلا ھەمىشە ھەممىدىن ئاۋۋال ئوخشاش بولمىغان كىشىلىك ھايات مەنزىرىسىدىن زوق ئالالايدۇ.

ئۇنىڭ ھېكايىسى قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، چىشىنى چىڭ چىشلەپ بوشىشىپ قالماسلىقتەك قەيسەرلىكنى شەرھلىدى. ئارزۇنى قوغلىشىش يولى ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. قىيىنچىلىق ئالدىدا چىڭ تۇرۇش ياكى چېكىنىش بىر ئادەمنىڭ ئىرادە - پەزىلىتىنى ھەممىدىن بەكرەك سىنايدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى چىداش، يەنىمۇ چىداشتا. پاشاگۈل يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان چىدامچانلىقىغا تايىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، تۇرمۇش جەھەتتىكى، تىل جەھەتتىكى، تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

ئۇنىڭ ھېكايىسىگە مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدار بولىدىغان، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان پەزىلەت مۇجەسسەملەنگەن. مەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تېخى بېيىمىغان يۇرتداشلىرىنى ياد ئەتتى. ھەر قېتىم يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغاندا، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن يۇرتداشلىرىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 279 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدار بولىدىغان، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان پەزىلەت يەنە پاشاگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ يارقىن مەنىۋى نۇردۇر.

ئۇنىڭ ھېكايىسى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى يورۇتۇپ بەردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلىتىمىزدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئىچىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، پاشاگۈلنىڭ يۇرتى ئۇلۇغچات ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بوستانلىققا سېلىشتۇرغاندا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى تېخىمۇ جاپالىق. بېكىنمە مۇھىت، مۇتەئەسسىپ ئىدىيە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شۇ جايدىكى ئاياللار ئۇزاق مەزگىل «يۈزىنى ئېچىپ يۈرسە بولمايدۇ، پەقەت ئوچاق بېشىنى چۆرىدەپ يۈرۈشى كېرەك»نىڭ ئاسارىتىدە تۇرغانىدى. كىشىلەر «جەنۇبىي شىنجاڭلىق قىز»لارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ، گۈللۈك كۆڭلەك قاتارلىق گۈزەل كۆرۈنۈشلەردىن باشقا، قالغىنى پەقەت بىر غۇۋا سىيمالا ئىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ تارتىنىش ئىلكىدىكى قاراشلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىنتىلىشى ۋە تەلپۈنۈشىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. شۇڭا، پاشاگۈل مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى» ئوبرازى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغاندا، ئۇ يېڭى دەۋردىكى «جەنۇبىي شىنجاڭلىق قىز»لارنىڭ سالاپىتىنى ئېنىق نامايان قىلىپلا قالماي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى يەنىمۇ يورۇتۇپ بەردى.

پاشاگۈل مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. پاشاگۈلمۇ كېلەر يىلى ئۆز يۇرتى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ ئاياغ زاۋۇتى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، كىشىلەر مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچتە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويماقتا. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا، پاشاگۈلنىڭ ھېكايىسى جەزمەن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى