تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

چېن يىنخەي: يەتتە يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى «شىنجاڭ مۇھەببىتىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش

   خەلق تورى خەۋىرى: مۇنداق بىر ئوقۇتقۇچى بار، ئۇ بېلىق ۋە گۈرۈچ ماكانىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چېگرا رايوندىكى تېكەس ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر يېرىم يىلدا بىر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوكلاتى سۇنغان، ئۇ جەمئىي بەش پارچە ئىلتىماسنى تاپشۇرغان بولۇپ، تېكەستە يەتتە يىل تۇرغان، ئۇ دەل نەنجىڭ شەھىرى جياڭنىڭ رايونىدىن كەلگەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى چېن يىنخەي.

   11-ئاينىڭ 13-كۈنى، تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە دۆلەت دەرىجىلىك تېما «ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز بولغان ئەھۋالدىكى تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتچىل ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە تەتقىقات»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك تېمىسى ھېسابلىناتتى، بۇ تېمىغا دەل چېن يىنخەي رىياسەتچىلىك قىلغانىدى.

   فىزىكا تەجرىبىگە بولغان تايىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك پەن بولۇپ، شارائىت چەكلىمىسى سەۋەبلىك، تەجرىبە تۈرىدىكى ئوقۇتۇش دەل تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەمتۈكلۈكى ھېسابلىناتتى، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. چېن يىنخەي رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تېما ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئېرىشكىلى بولىدىغان بارلىق بايلىقنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ ئاددىي ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق فىزىكا تەجرىبە دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

   يەتتە يىل ئىلگىرى، 39 ياشلىق چېن يىنخەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ يەردە، ئۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاساسىنىڭ بىر قەدەر ناچارلىقى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن، چېن يىنخەي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوقۇتۇش، ئادەمگە قاراپ ئوقۇتۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

   ما شىن چېن مۇئەللىمنىڭ مەسىلە يېشىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار، ئۇ چېن مۇئەللىمنىڭ ئۇلارنى تولۇق 3-يىللىققىچە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چېن مۇئەللىمنىڭ ئۇلارغا ئۆگەتكەن مەسىلە يېشىش ماھارەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشىگە زور ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

   بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى چېن يىنخەينى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، دەسلەپكى بىر يېرىم يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ يەردە قېلىشنى تاللىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەردە يەتتە يىل تۇرۇپ قالدى.

   بالىلارنىڭ داۋاملىق ياخشى تەربىيەگە ئېرىشىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، شۇ جايدا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈش. شاۋ شېڭخۇي چېن يىنخەينىڭ ئەڭ ياخشى شاگىرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شاۋ شېڭخۇيگە دائىم «ياشلار مۇھىتنىڭ جاپالىقلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىگە بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىۋەتسە بولمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئېيتاتتى. بۇ قېتىم تېما ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، چېن يىنخەي شاۋ شىڭخۇيگە مەقسەتلىك ھالدا بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇپ، شاۋ شېڭخۇي بىلەن بىللە بۇ قېتىمقى تېمىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تاماملىدى. شاۋ شىڭخۇي بۇنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

   شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مېھىر-مۇھەببەت ۋە چىڭ تۇرۇشقا موھتاج. چېن يىنخەي مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ بىلەن ياتاق ئارىسىدىكى ئىككى نۇقتا، بىر لىنىيەدىكى ئاددىي تۇرمۇشى يەتتە يىل داۋاملاشتى. كىچىككىنە ياتاققا كومپيۇتېر، بېسىش ماشىنىسى قاتارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرى تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، چېن مۇئەللىم دائىم ياتاقتا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ، بىر ئىستاكان چاي ئىچكەچ دەرس تەييارلاپ دەرس پىلانى يازىدۇ، بەزىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە توپ ئويناپ ئارام ئالىدۇ.

   ھەپتە ئاخىرىدا، چېن مۇئەللىم بەزىدە سىرتقا چىقىپ «تۇغقان يوقلاش»قا بارىدۇ. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ ئورۇنباسار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. ئورۇنباسارنىڭ قىزى ئۈمىد ئورۇنباسارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، چېن مۇئەللىم ھەر قېتىم كەلگەندە ئىنىسىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بېرەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر ئاز پۇل بېرەتتى. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىنىڭ مۇقىم كىرىمى بولمىغاچقا، ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننىڭ ئوقۇش پۇلى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. چېن مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ۋە ئاچىسى ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ھازىر ئاچىسىنىڭ خىزمىتى بار بولدى، ئۆزىمۇ ئوقۇش پۈتكۈزەي دەپ قالدى، ئۆيىمۇ خېلى ئازادە بولۇپ قالدى. 

   شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن يەتتە يىلدا، چېن يىنخەي تېكەس ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۇ دەرس بەرگەن سىنىپتىكى 44 ئوقۇغۇچىنىڭ 39ىنىڭ نەتىجىسى تولۇق كۇرس نومۇر چېكىگە يەتتى.

   چېن يىنخەي مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگىنىمنىڭ سەككىزىنچى يىلى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا تۇرغانىكەنمەن، چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېكەسنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن». (فۇ رۇچېن، تيەن تيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى