تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى ئادەملىك چۆككۈسىنىڭ 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىز سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى ھەم غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

تەبرىك خەت

«كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى ئادەملىك چۆككۈسى 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىز سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ھەم غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەن پەيتتە، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! چوڭقۇر دېڭىز جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا، چوڭقۇرلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان بارلىق پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

«كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ ھەم دېڭىز سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە دېڭىز-ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىغا كىرىپ ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. «جياۋلۇڭ» ناملىق، «شېنخەي يوڭشى» ناملىق چۆككۈدىن بۈگۈنكى «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈگىچە، سىلەر ئەستايىدىل-ئېھتىياتچان، ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جاسارىتى بىلەن، «ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش»تەك جۇڭگونىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار. سىلەرنىڭ ئىلىم - پەن روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن چوڭقۇر دېڭىز پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسگە ئۆرلەپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىڭلارنى، ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز-ئوكيانلارنى تونۇشى، قوغدىشى، ئېچىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

شى جىنپىڭ

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى ئادەملىك چۆككۈسى 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىز سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ھەم 11-ئاينىڭ 28-كۈنى غەلىبىلىك قايتىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى، چوڭقۇر دېڭىز جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا، چوڭقۇرلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان بارلىق پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ ھەم دېڭىز سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە دېڭىز-ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىغا كىرىپ ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. «جياۋلۇڭ» ناملىق، «شېڭخەي يوڭشى» ناملىق چۆككۈدىن بۈگۈنكى «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈگىچە، سىلەر ئەستايىدىل-ئېھتىياتچان، ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جاسارىتى بىلەن، «ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش»تەك جۇڭگونىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار.

شى جىنپىڭ چوڭقۇر دېڭىز جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، چوڭقۇرلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان بارلىق پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم-پەن روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن چوڭقۇر دېڭىز پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز-ئوكيانلارنى تونۇشى، قوغدىشى، ئېچىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈنىڭ دېڭىز سىنىقىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې سىنلىق ئۇلانما شەكلىدە شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، چوڭقۇر دېڭىز پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات كۈچىنى تولۇق قوزغاپ ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىز پەن-تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدىكى مۇھىم ئابىدە. مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، جۇڭگونىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«13-بەش يىل»دىن بۇيان، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى بىلەن بىللە، 100گە يېقىن پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورنى، ئالىي مەكتەپ، كارخانىدىكى 1000غا يېقىن پەن تەتقىقات خادىمىنى تەشكىللەپ، جاپاغا چىداپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈ مارىئانا دېڭىز جىلغىسىغا بېرىپ 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىز سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 13 قېتىم چۆكۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز قېتىم 10 مىڭ مېتىردىن ئاشتى. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 8دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، «كۈرەش قىلغۇچى» ناملىق چۆككۈ جۇڭگونىڭ 10 مىڭ 909 مېتىرلىق ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش يېڭى رېكورتىنى ياراتتى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زور چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىدىكى ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.