تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان تاشيول بۆلىكى (شەرقىي 2 - ئايلانما) قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەم قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېز سۈرئەتلىك يول تورىنى زىچ توقۇپ، شەھەر يولى تورىنىڭ تۇتىشىشچانلىقى ۋە يېتىپ بېرىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تېز سۈرئەتلىك قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان تاشيول بۆلىكى (شەرقىي 2 - ئايلانما) تۈرى تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئورنىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىمالىي ئالاقىلىشىش لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ساڭفاڭگوۋ ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن شىمالغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان، ئاساسىي لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 43 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى تېز سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى، شىمىگۇ رايونى، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش غول يولى ھېسابلىنىدۇ.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان تاشيول بۆلىكى (شەرقىي 2 - ئايلانما) قۇرۇلۇش تۈرىدىكى شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، قەشقەر يولى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، گۇەنيۈەن يولى ئاسما كۆۋرۈكى، قارلىغاچلىق شىمالىي ئاسما كۆۋرۈكىگە كېلىپ، ئومۇمىي تۈر، ھەرقايسى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك تۈرلىرىنىڭ شەھەر رايونى بىلەن تۇتىشىشى، شەھەر يول تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر قاتناش تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش شەھەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ تۈرلەر پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇب - شىمال يوللىرىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسى ۋە قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۈرۈمچىدە يىغىلىش - تارقىلىش ۋە ئۈرۈمچى تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان قىسمەن قاتناش ئېقىمىنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇپ، شەھەر مەركىزى بىلەن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بوشلۇق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولى، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قاتنىشىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، رايون قاتناش تۈگۈنىنىڭ يېتەكلەش ۋە تىرەك بولۇش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك قاتناش - تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى