تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئېسىل كەيپىيات تىكلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار ئىش ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ساپانى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، كۆپ قاتلاملىق كەسپىي مائارىپنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئۇل خىزمەت، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «13-بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14-بەش يىل»نى ئىلمىي پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈزۈم-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ <مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلدى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى