تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبىرى سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋاڭ مىڭشەن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىتى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، بولۇپمۇ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ۋە كەڭ سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، كەڭ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى پىلانلاپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، تورنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كاپالەتگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى