تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچىلار سىنىپى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە پائال ئاتلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، بۇ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش باسقۇچى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈلمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا چىڭ تايىنىش كېرەك. يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئاساسىي جەھەتتىن ئەمگەككە تايىنىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە تايىنىش كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «دەۋر شارائىتىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز باشتىن - ئاخىر ئەمگەكنى قەدىرلىشىمىز، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ياخشى باش قەھرىمان بولۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشى كېرەك.

دۆلىتىمىز خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما دۆلەتنىڭ ئىگىسى. سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت بېكىتكەن كۈرەش نىشانىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا كىشىلىك تۇرمۇش غايىسى، ئائىلە بەختىنى دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، مەۋقەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئائىت تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرى، مۇھىم، زور تۈرلىرى، نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى كەڭ، چوڭقۇر، سىجىل، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەت گۈللەنسە، كۆپچىلىكنىڭ ئاندىن بەختلىك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، شەخس بىلەن كوللېكتىپ، ھازىر بىلەن كەلگۈسى، قىسمەنلىك بىلەن ئومۇملۇقنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا چوڭ ۋەزىيەتنى قوغداپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور چەكتە كۆپەيتىش، ئىناقسىزلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچ ئىكەنلىكى، ئىتتىپاق بولغاندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدىغانلىقىدەك داۋلىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ياردەملىشىپ دوستانە ئۆتۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن باشقا ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچ بولۇش كېرەك.

بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغ دەۋر، بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلار بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلار، بىز ھازىر قىلىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى