تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 17 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013 - يىلى، مەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. يەتتە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايون ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئۈلگىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق دەلىلىگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يەڭدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلانمىغان. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايون دەپ قارايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى، بۇ رايوننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداشنى، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى ئىقتىساد كارىدورى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە توشۇش ئىتتىپاقىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى ئۆزئارا ئېچىۋېتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تەدبىر قوللىنىپ خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە يۈك ئوبوروتىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرقىي قىسىم ئېشىش رايونى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاقىل شەھەر، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى، يىراقتىن داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، رەقەم بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇپ، «رەقەملىك يىپەك يولى» بەرپا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىكى سۆزلىشىش، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ۋاكسىنا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىنى پائال ئويلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش فوندىنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا 1000 نەپەر سەھىيە مەمۇرىيەت خادىمى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىمى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاش ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئامبىرى ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كاتتا كۆرگەزمە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.