تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ھەمدە پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن شەن، ۋاڭ ياچېن، شاڭ جىڭ

ئالاھىدە يىل، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ ئالاھىدە «كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئېيى».

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە تۆت مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە يىغىنى، بىر مەيدان خەلقئارا مۇنبەرگە ئارقا - ئارقىدىن قاتناشتى.

ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتتى، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئېغىر چېكىنىشكە پېتىپ قالدى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمىدى؛ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا ئىتتىرىدىغان غەيرىي ئاۋازلار، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىكنىڭ شاۋقۇنلىرى ۋە گاڭگىراش، تېڭىرقاشنىڭ تۆۋەن ئاۋازلىرى گىرەلىشىپ ئارىلىشىپ كەتتى، دۇنيا يۆنىلىش ۋە يېتەكلەشكە تەخىرسىز موھتاج بولدى.

يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم يەر شارىۋى كۆپ تەرەپلىك مۇنبەردە بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس، كۆز قاراش ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقاتتى.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يولىنى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: «بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز ھەم باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك».

«بىز ئىتتىپاقلىقنى ئىختىلاپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئىدراكىي تۈگىتىپ، <سىياسىي ۋىرۇس>نى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك».

ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 60 مىليوندىن ئاشتى، ئۆلگەن ئاغرىق مىسالى 1 مىليون 400 مىڭدىن ئاشتى، يۇقۇم 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، دۇنيا يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى باسىدۇ.

«بىر يىلغا يېقىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئالغان - داۋالىغاندىلا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلىگىلى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن جۇڭگو تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، تېلېفونلىشىش ۋە خەت ئەۋەتىشتىن 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا سۆز قىلىش، سىن شەكلى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 30دىن ئارتۇق دۆلەتكە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئىككى يىل ئىچىدە 2 مىليارد دوللار خەلقئارا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى 50 مىليون دوللار نەق پۇل ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «مۇداپىئە تېمى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە قوشتى.

ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە تەقسىملەش بىرقانچە مەيدان كۆپ تەرەپلىك يىغىننىڭ ئورتاق تېمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىپ ۋاكسىنىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى «ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلات»قا ئايلاندۇرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ تەرىپلىدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىقتىسادنى قايتا قوزغىتىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھەرىكەتتە بولدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئاشتى؛ خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى؛ «خادىملار بىلەن مالنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىدىكى «تېز يول» ۋە يۈك تىرانسپورتىدىكى «يېشىل يول»نى راۋانلاشتۇردى.

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەيلى يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسۇن ياكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا بولسۇن، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، كىرىزىسنىڭ سىنىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك».

مالايسىيا زۇڭلىسى مۇھىدىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسىدا گەۋدىلەنگىنى دەل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ روھى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رىبىكا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق تەشەببۇسى تامامەن توغرا بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

ئېقىنلار يىغىلىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى رەسمىي ئىمزالاندى. دۇنيا بويىچە قاتناشقان نوپۇس ئەڭ كۆپ، ئەزالار قۇرۇلمىسى ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان ئەركىن سودا رايونى يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئىمزالاشنىڭ تاماملانغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار بولغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئويلىشىدۇ. بۇ مۇھىم جاكارلاش جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ياپونىيە «چەنجىڭ خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاكارلىشى جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلىدىغان روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

«بىز ھەرگىزمۇ تارىختىكى كونا يولدا ماڭمايمىز، <ئالاقىنى ئۈزۈش>نى ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان <گۇرۇھۋازلىق>نى كۆزلىمەيمىز.» «جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەم رەئىس شى جىنپىڭ 11 - ئايدىكى كۆپ تەرەپلىك يىغىنلاردا كۆپ تىلغا ئالغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تەرەققىيات شارائىتىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تولۇق ئويلىشىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىزدۇر».

«بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە بولغان دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتۇر».

جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغانلىقى، قانداق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ دۇنياغا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا كۆپ قېتىم سىستېمىلىق بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېنىق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشتى.

ھازىر، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويۇۋاتىدۇ، ماسلىشالماسلىق، ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى يۇقۇمنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبېرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».

«شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز» دەپ كۆرسەتتى رەئىس شى جىنپىڭ.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ، يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قائىدە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇلغارىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روسېن پلېۋنالىيېۋ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى تەڭپۇڭلۇققا يېتىدۇ، ھالبۇكى جۇڭگو بۇنىڭدا مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى ئوينايدۇ».

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش تەقدىرداشلىق يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىش

بۇ ئالدىراش ئۆتكەن «كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئېيى»دا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «بۇلۇت تېرمىنالى»دا جەم بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئۈچۈن تارىخىي ئورۇن بېكىتىپ، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگۈسى پىلاننى تۈزۈپ بەردى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى موسكۋا خىتابنامىسى» «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى موسكۋا خىتابنامىسى» «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى 2025» «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى» «2020 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى كۇئالا لۇمپۇر خىتابنامىسى» «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرىدە جۇڭگو مەيدانى ۋە كۆز قارىشى تولۇق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىدىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.

«تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق جەزمەن قوشنىسىغا ئورا كولاشتىن ھالقىپ كېتىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق جەزمەن نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، كۆپ تەرەپچىللىك جەزمەن يەككە تەرەپچىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ».

دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەش. رەئىس شى جىنپىڭ پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانلار دۇچ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارازلىق پەيدا قىلماي بەلكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلماي بەلكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك».

رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ مەيدان كۆپ تەرەپلىك يىغىندا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلدى −

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم «سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى» «خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى» «تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى» «ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى»دىن ئىبارەت تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق بايان قىلدى. «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى»دا 2040 - يىلى ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، چىداملىق ۋە قەيسەر، تىنچ بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە سىياسەت تەشەببۇسى تولۇق نامايان قىلىندى؛

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىدا، «ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان چىتلاقنى مۇستەھكەملەپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى مادارىياگا - ياۋروپا شۆيۈەنى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى پىئېر دېفرېنې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋە ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇشتىكى تاللىشى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەتكۈزدى، جۇڭگو ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرىپلەشكە ئېرىشتى.

9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، 2060 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم «بىز لەۋزىمىزدە تۇرىمىز!» دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.

مەيلى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ياكى ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ياكى سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا بولسۇن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى گوردون بىروۋىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. دۆلەتلەر ئارا ئورتاق مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەر شارىۋى سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

«بىز ھەممىمىز بىر كېمىدە تۇرۇۋاتىمىز.» تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، بۇ جەرياندا بوران كۈچىيىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يەلكىنىنى چىقارسىلا، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش كېمىسى جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى