تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 3 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى ھەم كەنت تازىلىقى ھەرىكىتى قىشلىق جېڭىنى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» «مەملىكەتلىك يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئاڭلاپ ئۆتتى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى. ھازىر، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەت خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، يەكۈنلەپ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ياخشى كۈتۈۋېلىپ، قىشلىق كەنت تازىلىقى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «دىرىژورلۇق تايىقى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئاددىي، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان قىلىپ بېكىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، دۇرۇس بولۇپ، باھالاش خىزمىتى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەخسۇس كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ باھالاش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەر ۋە تۇرالغۇ دېھقانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مال - مۈلكى، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. مەملىكەتلىك يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، يەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقتىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ تۆۋەن چەك»نى مەھكەم ساقلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، شەھەرلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ئالدى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى مەركەزلىك قوللاپ، يېزا - كەنت سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلىرىغا تىرەك بولۇش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمەت سىستېمىسى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەپەككۇرى ئېنىق، نىشانى ئايدىڭ، تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، رەتلەپ، قىش، ئەتىيازلىق ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى