تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە، <جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى 2030 - يىل ئارزۇسى>نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ رايوننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ.» 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 17 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىلىك ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادەملىرى قان قېرىنداش، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردۇر. 2013 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەتتە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى كۈنسېرى تېزلىتىلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. بۇ يىل تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋاكسىنىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش» باش تېما قىلىندى، بۇ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئۈلگىگە ئايلاندى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق دەلىلىگە ئايلاندى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرىدىغان نۇقتىلىق رايون دەپ قاراپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي ئورنىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان رايون رامكىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇش؛ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قايتا جانلىنىشىنى تېزلىتىش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. بۇ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قېزىش، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن بوشلۇق كېڭەيتىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقىدەك چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشتا، جۇڭگو سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، تۆمۈريول، تاشيول، پورت، ئايروپورت، ئېلېكتىر - ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان ئىقتىساد كارىدورى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە توشۇش ئىتتىپاقىنى پائال بەرپا قىلىپ، كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى لايىھەلەپ ۋە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى ئۆزئارا ئېچىۋېتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئاقىل شەھەر، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى، يىراقتىن داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، رەقەم بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇپ، «رەقەملىك يىپەك يولى» بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى سىياسەت جەھەتتىكى سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ۋاكسىنا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېھتىياجىنى پائال ئويلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش فوندىنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا 1000 نەپەر سەھىيە مەمۇرىيەت خادىمى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىمى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاش ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئامبىرى ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

ئېچىۋېتىش دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈم ئېففېكتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئورتاق قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرغاندىلا، چوقۇم تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى