تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات يېقىندا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، كۈچەپ ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەزىيەت ۋە پۇرسەتنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشى؛ تەرەققىياتتىكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىشى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايلىقنى تۈجۈپىلىك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشى؛ زور كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى