تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر بەخت يولىغا ماڭدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، جېن شىشىن، دوۋ شىڭجۈن

11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىرلار تولى ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ جۇڭغار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋېي خېڭغا ئەگىشىپ تولى ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىللىق تۆمۈرتام بازىرى جۇڭغار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىغا بېرىپ، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلدى.

جۇڭغار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تولى ناھىيە بازىرىغا 200 كىلومېتىر كېلىدۇ، يول بويى قاقاس تاغ، چۆللەرنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، گەرچە يوللار ئەگرى - بۈگرى بولسىمۇ، لېكىن ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئەمەس.

«بۇ تاشيول بەك ياخشى، ھازىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ماڭساقلا تەرەققىيات رايونىغا يېتىپ بارىمىز، ئىلگىرى يېرىم كۈن ماڭاتتۇق» دېدى ۋېي خېڭ.

سائەت 17 دە، ئاپتوموبىل جۇڭغار مەھەللىسىدىكى بەخت ئولتۇراق رايونىدا توختىدى، مۇخبىرلارنىڭ كۆرگىنى رەتلىك سېلىنغان 21 بىنا بولدى.

«بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان 451 ئائىلىلىك 1590 كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر» دېدى ۋېي خېڭ.

مۇخبىرلار ئوقان جۇتاباينىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ئوقان ئاشخانىدىن يېڭىلا تەييار قىلىنغان قۇرۇتنى ئېلىپ چىقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.

«قېنى مەن تەييارلىغان قۇرۇتلارنى تېتىپ بېقىڭلار» دېدى ئوقان كۈلۈپ تۇرۇپ. ھازىرقى تۇرمۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، يەنە ھەر خىل ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ھازىر مەن ھەر كۈنى ئۆيدە قۇرۇت تەييارلاپ ساتىمەن، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن».

مۇخبىرلار 70 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ ناھايىتى پاكىز يىغىشتۇرۇلغانلىقىنى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، تورنىڭمۇ ئۇلانغانلىقىنى كۆردى.

«ھازىر بىز سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تاماق ئېتىۋاتىمىز، ئەمدى ئوتۇن قالىمىساقمۇ بولىدۇ» دېدى ئوقان خۇشال ھالدا.

تامغا چاپلانغان كۆچۈرۈلۈشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىككى پارچە رەسىم مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئۆي چوڭ تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، بىر پارچە لاتا «ئىشىك» قىلىنغانىدى.

«بۇنى <قىشلاق> دەيمىز، ئىلگىرى قىشتا ئوتلاق كۆچكەندە مۇشۇنىڭ ئىچىدە تۇراتتۇق.» ئوقان بۇرۇنقى ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.

ئوقان بىلەن ئۇنىڭ ئېرى ئىلگىرى تولى ناھىيەسىنىڭ كۇپ يېزىسى كۆكخادا كەنتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، مال بېقىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ چاغدا پەسىلگە قاراپ ئوتلاق كۆچۈشكە توغرا كېلەتتى، جاپالىق بولۇپلا قالماي، يىل بويى ھېچقانچە پۇل يىغالمايتتى.

«قىشلاق» دېگەن سۆز چارۋىچىلار قىشتىن ئۆتۈشتە تۇرىدىغان جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شارائىت ناچار بولغاچقا، شامال چىقسا، تاش يوچۇقلىرىدىن شامال كىرىپ، ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ. بۇنداق جايلاردا سۇ ۋە توك يەتكۈزۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، تاماق ئېتىش، ئىسسىنىشتا پەقەت ئوتۇن قالاشقا توغرا كېلىدۇ. ئوتۇن تېرىش جاپالىق ئىش، بەزىدە قار - شىۋىرغانغا قارىماي سىرتقا چىقىپ، كۈنلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇنى دەريا بويىغا بېرىپ ئەكېلىشكە، ئىككى چېلەك سۇنى تېجەپ بىرقانچە كۈن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

«چارۋا باققاندا قار - شىۋىرغانغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەڭ ئەنسىرەيتتۇق، قوي - كالىلار ئاسانلا يىتىپ كېتەتتى» دېدى ئوقان خورسىنغان ھالدا.

2017 - يىلى، ناھىيەدە يولغا قويۇلغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، ئوقان بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى. «ھازىر تۇرمۇشىمىز بەك ياخشى، ئۆيدە سۇ، توك بولۇپلا قالماي، يەنە پارمۇ بار، قىشتا ئىسسىق. بۇنداق راھەت كۈنلەرنى بىز بۇرۇن ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق، كوممۇنىستىك پارتىيە <ياخشى>!» دېدى ئوقان ھاياجانلانغان ھالدا.

پاراڭ ئارىلىقىدا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئوقانغا تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ كەلدى، ئەسلىدە ھۆكۈمەت مەھەللە ئەتراپىدا دۇكان سالغان بولۇپ، 5000 يۈەن تاپشۇرسىلا ئىزچىل ئىشلەتكىلى بولاتتى.

«ئەمدى مېنىڭمۇ دۇكىنىم بار بولدى، مەخسۇس ئۆزۈم تەييارلىغان قۇرۇت ۋە قولدا كەشتىلىگەن كەشتىلەرنى ساتىمەن، كىرىمىم چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.» ئوقاننىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى.

جەنىلە ئابسېيىتمۇ ئوخشاشلا بەختلىك ئىدى. بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئولتۇراق رايون دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تاللا بازىرى ئېچىپ، ئېيىغا 3000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى. ئېرى قاراماي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى تاپتى، ئايلىق مائاشى 4500 يۈەن ئىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، ئەر - خوتۇن ئىككىلىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار، مۇقىم كىرىمىمىز بار، ھازىر كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غېمىمىز يوق» دېدى جەنىلە.

تولى ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جوۋ ۋېيخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تولى ناھىيەسى دېھقان - چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشتە «كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان» بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، جۇڭغار مەھەللىسى ھەم ئەتراپتىكى پىششىقلاش كارخانىلىرى، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەر ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ يىلىغا نەچچە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بازىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، جۇڭغار مەھەللىسىدە كوللېكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەمئىيەت ئىشلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تولى ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئېگىز ھەم سوغۇق تاغلىق رايون، چەت - ياقا چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان 925 ئائىلىلىك نامرات دېھقان - چارۋىچىنى نۇقتىلىق شەھەر - بازار، سانائەت باغچە رايونى ۋە يېزا - بازار ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھويلا - ئاران باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىگەن، ھازىرغىچە 2167 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلار بەختلىك، خاتىرجەم، مۇقىم يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى