تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

شەۋكەت ئىمىن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىتى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكى، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن لېكسىيە سۆزلىدى، چۈشەندۈردى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات يېقىندا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە كۈچەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛ نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۇن لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى