تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئورتاق ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. چېن چۈەنگو سۆھبەتتە مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، سارقىت ئاقان، مۇتەللىپ مەتتوختى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن قۇربان نىياز، مېڭ شياۋجىڭ، مۇقىيات قاتارلىقلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ قالتىس تۆھپىسى ۋە يۈكسەك روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن تەرىپلىدى، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا زىچ تايىنىپ يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەقدىرلەنگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، تىرىشىپ تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئىلغار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زور كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.