تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئاچقان پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت توغرىسىدىكى چوڭقۇر كۆزىتىشى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى توغرىسىدىكى ئىخچام يىغىنچاقلىشى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي نىشان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان توغرىسىدىكى ئىلمىي پىلانلىشى، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەت نەتىجە-ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدە لېكسىيە سۆزلەپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»دىكى خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلان تەكلىپى، ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرمۇتۈر ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەدەمدە بىر ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «13-بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونغا(مەركەزگە) بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون) ھەم بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى(شەھەر)، تۇەن(مەيدان)لىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.