تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلاندى

تەھرىر ئىزاھاتى

بۇ يىل «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «شىنجاڭنىڭ <13-بەش يىل>ىغا نەزەر» مەخسۇس ئىستونى ئېچىلىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر نامايان قىلىنىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ بىنبىن

چېگرا رايوندىكى ھەممە ساھەنىڭ بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق يېڭى قىياپەتكە كىرگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرمەكتىمىز.

«13-بەش يىل»دىن بۇيانقى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسىگە نەزەر سالساق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدەك «شىنجاڭ نەتىجىسى» بار؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالىشىۋاتقانلىقىدەك ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان غەلىبە خەۋەرلىرى بار؛ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدە يېڭى بىلەن كونىنىڭ ئالمىشىۋاتقانلىقىدەك پەخىرلىنىش بار؛ تەرەققىيات مۇھىتىدا سىستېمىلىق قايتا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۈلگە بار؛ ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىرىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتى قاتنىشىنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك خۇشاللىق بار؛ يەنە خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ چېھرىدىكى كۈلكە بار... شان-شەرەپ، قان-تەر، ئارزۇ، 1800دىن ئارتۇق كېچە-كۈندۈز سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئاخىر بىر يارقىن نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى.

بەش يىللىق بوران-چاپقۇن ۋە جاپا-مۇشەققەت، بەش يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتكە مەركەزلەشتۈرۈش   «سۈرئەتنى تېزلىتىپ» يۈگۈرۈش

11-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى شىنجاڭ زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ 2021 نۇسخىدىكى GS4 تىپلىق يولۇچى ئاپتوموبىلىنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

«يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 5000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، سۈرئەت قوغلىشىۋاتىمىز.» گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچى ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن گۈيدۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللار غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئۈزۈلمەي توشۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭلا ئاۋات بولۇشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى بىرىنچى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2012-يىلى 4-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جەمئىي 23 مىڭ 700 ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقاردى، 7 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

قەدەم پۇختا ئېلىندى، شىنجاڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىدە «سۈرئەتنى تېزلىتىش» باشلىنىۋاتىدۇ.

سانائەت ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.7 ئەتراپىدا ئاشتى، سانائەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ئۇدا تۆت يىل ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى، سانائەت ئىقتىسادى «ئىلگىرىلەش» بىلەن «ياخشىلىنىش» يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

ئىدىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىندى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سەھىپە پۈتۈلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئاشۇرۇلدى، بىر مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى −

يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندى، يېشىل بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندى، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈردى، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، مۇقىملىق ئارقىلىق پايدا قويۇپ بېرىلدى، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق رايى مۇجەسسەملەندى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلاندى −

2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 128 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن 157 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.7 ئاشتى.

تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېز بولدى   تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولدى

خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولدۇرۇش، زۇۋۇلا ئۈزۈپ نان راسلاش، چەككۈچ چېكىش، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇش. بىردەمدىلا تونۇردىن قومۇرۇلغان نانلار دۆۋىلەندى. «ھازىر، مەن ھەر كۈنى ئۈچ خالتا ئۇن تۈگىتىمەن، ئايلىق كىرىمىم 6000 يۈەن ئەتراپىدا» دېدى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى پەيزاۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبادەت ئوسمان خۇشاللىق بىلەن.

سانائەتلىشىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قايتا يارىتىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە نان شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نانچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كارتىنىسى بولدى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات قاتلىمى ئەلالاشتى، ئۆستى، ئۈچ چوڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى 2016-يىلىدىكى 48.9: 35.8: 15.3دىن 2019 - يىلىدىكى 13.1:35.3:51.6گە تەڭشىلىپ، مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپلەرنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن خاس باغ-ئورمانچىلىق بازىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىن ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىچە؛ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر كەسپىدىكى بۇلۇتتا «ئەقىل» توپلاشتىن، چوڭ تىپتىكى ياسىمىچىلىق كەسپىدە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە... بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈرسىڭىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ھەممىلا يەردە ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ 1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تىجارەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى؛ 2-كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نېفىت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈردى، راۋاجلاندۇردى؛ 3-كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش، ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، پۇقرالارغا بەخت يارىتىشى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلانماقتا.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى   يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى

100 تۈردە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 50 تۈردىكى سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۆت تۈردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجازەتنامە بېرىلىدىغان كارخانىلارغا قارىتا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» يولغا قويۇلدى؛ كارخانا قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى 120 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى...

تەرەققىيات تۇپرىقىنى مۇنبەتلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئامىللارنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرغىلى بولىدۇ. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى، سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «12-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى تىزىملىنىپ رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 109 مىڭ 600 بولغان؛ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، تىزىملىنىپ رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 996 مىڭغا يېتىپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %79.9 ئاشقان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى مۇجەسسەملەيدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشچان ۋە سىغدۇرۇشچان روھىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى قان قوشتى، ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشتۈردى. تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتماقتا.

2016-يىلىدىكى 223 نۆۋەت قاتناشتىن 2019-يىلىدىكى 1102 نۆۋەت قاتناشقىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %170لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن چىرايلىق ئۆرلەش ئەگرى سىزىقىنى ياراتتى. «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات كارتىنىسى شىنجاڭدا نامايان بولماقتا.

ۋاقىتنىڭ ۋاراقلىرى توختىماي ئېچىلىپ، تەرەققىيات تېمىسى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار قىياپەت، تېخىمۇ مۇستەھكەم قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىگە قەدەم قويماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى