تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تەرەققىيات نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماددىي جەھەتتىلا قۇدرەت تېپىپ قالماستىن، مەنىۋى جەھەتتىمۇ قۇدرەت تېپىشىمىز كېرەك. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى مېغىزلىق يىغىنچاقلاپ: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران-چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دەپ كۆرسەتتى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

«تىرىشچان كىشى ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر.» ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما «بىز ئىشچىلارنىڭ كۈچىمىز بار» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان، نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، سەمىمىي ئەمگەك قىلىدىغان ئەمگەك روھىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل قويىدىغان، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان، قالتىسلىقنى قوغلىشىدىغان ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈردۇق، شەكىللەندۈردۇق.» ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2015-يىلىدىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1689 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، 804 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئەمگەكچى ئامما ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان ئۇلۇغ ئىجادچانلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى شەرھلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەپ بەردى. كەڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر خىسلىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرىتى، شىجائىتى، ئىجتىھاتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. كەلگۈسى قانچە گۈزەل بولغانسېرى، بىزنىڭ شۇنچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما داۋاملىق ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ يۈكسەك روھى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ھۈنەرۋەن مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، بىلىمنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەش فاڭجېنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەمگەك ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھۈنەرۋەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىشنى باش تېما قىلغان تەشۋىقات-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرى ۋە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش شەرەپ، راھەتكە يۈگۈرۈپ جاپادىن قېچىش نومۇس دەيدىغان ئەمگەك قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلىدىغان، ئەمگەك قىلىشقا ماھىر ئەۋلادمۇئەۋلاد يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

«ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۇلۇغ غايىگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلۇغ ئىشلارنى تاماملاش ھارماي-تالماي تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقتىن.» جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەربىرىمىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشىمىز ۋە جاپالىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دادىل ئىجاد قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر ناخشىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى