تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېي دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تاللاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جۇ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەن يۆ): يېقىندا، دۆلەت ئۆلچىمى «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش» ۋە «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەرتىپ بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاشقا تەشكىللىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى 19 ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.

  ھازىرغا قەدەر، بايىنغولىن ئوبلاستىدا A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 24ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن توققۇزى، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 12سى، 2A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن بىرى بار.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېي 1990-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مۇزېيىغا قارايدۇ، يېڭى مۇزېي كورلا شەھىرى يىڭبىن يولىغا جايلاشقان، 2012-يىلى 12-ئايدا سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 189 مىڭ 72.46 كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە كۆلىمى تەخمىنەن 7000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى 10 مىڭ 230 يۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 14ى، 2-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 90ى، 3-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 551ى بار، ئارىسىدا توقۇلما بۇيۇملار، خەت-ئالاقە، ساپال بۇيۇملار، تاش قوراللار، مىس، تۆمۈر بۇيۇملار، قاشتېشى بۇيۇملار قاتارلىقلار بار، مۇزېيدا ھازىر 2200 يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىندى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى