جۇ يۆشياڭ توشقاننىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار بەي خېلىن، جۇ فېڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئاپتور شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى باچاڭزى يېزىسى باغشى ئوبا كەنتىدىكى كۈنتۇ كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىدا، قاتار-قاتار توشقان كاتەكلىرىنىڭ ئازادە، يورۇق، رەت-رەت تۇرغان توشقان قەپەسلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، توشقانلارنىڭ تېرىسىنىڭ ئاپئاق بولۇپ، ناھايىتى ئوماق ئىكەنلىكىنى كۆردى.
«ھازىر سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر توشقانلارنى زاكاز قىلدى، كۆلەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىز يەنە بىر قىسىم نەسىللىك توشقانلارنى كىرگۈزمەكچى.» دېدى كۈنتۇ كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جۇ يۆشياڭ.
52 ياشلىق جۇ يۆشياڭ باركۆل ناھىيەسى داخې بازىرى شەرقىي جۇخۇ كەنتىدىن بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئۇ قومۇل شەھەرلىك كۈنتۇ كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى.
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، جۇ يۆشياڭنىڭ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى دەسلەپكى 500 توشقاندىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 3000دىن كۆپرەككە يەتتى، ئارىلىقتا يەنە 3000دىن ئارتۇق گۆش توشقىنى سېتىلدى، ئۇنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى ئىزىغا چۈشتى ھەم پايدىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى.
«گۆش توشقىنى بېقىشتا مۇھىمى ئىشچان، ئىنچىكە بولۇش كېرەك.» دېدى جۇ يۆشياڭ. يېرىم يىلدىن ئارتۇق باقمىچىلىق ئارقىلىق، ئۇ گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنىڭ يەم-خەشەك تەڭشەش نىسبىتى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئوخشاش بۇ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى پىششىق ئىگىلىدى.