تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جوۋ جىڭجىڭ، چېن شۆجياۋ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شيامېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى جىمىسار ناھىيەلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پائالىيەتتە، پىدائىيلار ھەرقايسى يېزا-بازار، مەھەللە، مەكتەپلەردىن كەلگەن «ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلە»، نامرات ئائىلە، ئېغىر كېسەلنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئائىلىسىدىكى 246 بالىنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەندىن ئىئانە قىلدى ھەم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بولىقى تارقاتتى، ئومۇمىي قىممىتى 131 مىڭ 775 يۈەنگە يەتتى.
شيامېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شيامېندىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرلىرى جىمىسار ناھىيەسىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئۇلار بۇ يىل 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بەردى. شيامېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نامرات ئائىلىدىكى داشۆگە ئۆتكەن 20 ئوقۇغۇچىغا 250 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.