تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جېڭجوۋغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيى يېڭىدىن سېلىنىپ، شىنجاڭچە ياخشى تەم تېز يەتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈندە، خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيىدىكى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلىپ تۈگىدى، بۇ بىر نەچچە كۈندە بىز يېڭى مال مەنبەسىنى جېڭجوۋغا ئەۋەتىشكە تەشكىللەۋاتىمىز!» دېدى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بىر مەسئۇلى خۇشال ھالدا، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيى جېڭجوۋدا ئېچىلغاندىن بۇيان، تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغان قومۇلنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان يۈز خىلدىن ئارتۇق شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى تېز بولدى.

  خېنەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيى.

  ئىگىلىنىشىچە، خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيى شۇ جايدىكى ۋەنباڭ مەملىكەتلىك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىگە جايلاشقان، بۇ ساراينىڭ تەسىس قىلىنىشى خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «شىنجاڭچە تەمنى خېنەنگە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئىكەن. بۇ ساراينىڭ كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە  مال جازىسىغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قومۇل چىلىنى، مېۋە قېقى، ياڭاق، تۆگە سۈتى پاراشوكى، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ قومۇل قاتارلىق جايلىرىدىن جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلگەنىكەن.

  خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرى، قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گو جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئېچىلغان تۇنجى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئەمەلىي دۇكىنىدۇر. خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيىنى قومۇل شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى يولغا قويۇش سۇبيېكتى قىلغان بولۇپ، خېنەن داشياڭ يۇغۇرما تاراتقۇ گۇرۇھى، ۋەنباڭ خەلقئارا شىركىتى كونكرېت تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق يولغا قويۇپ، قومۇلنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە تور سىرتىدىكى يوللار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە جېڭجوۋدىكى يەرلىك ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەسلىي ئېكولوگىيەدىكى <شىنجاڭچە ياخشى تەم>نى تېتىيالايدىغان قىلدى. خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيىنىڭ جېڭجوۋدا مەخسۇس شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان ئامبىرى ۋە سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بار بولۇپ، <شىنجاڭچە ياخشى تەمنىڭ خېنەنگە كىرىشى>نىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى ۋە مەھسۇلات سەرپىياتىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، جېڭجوۋدىكى شۇ جاي ئاممىسىنى سۈپەتلىك، ئەرزان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  گو جىيۇڭ مۇنداق دېدى: خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىككى يىل ئىچىدە خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەھسۇلاتلىرى سارىيىنى خېنەندىكى 18 ۋىلايەت، شەھەردە ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بازىرى ئېچىشنى پىلانلىدى.

  (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى